مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ۋەكىللەردىن 271 پارچە تەكلىپ ۋە 8000 پارچىدىن ئارتۇق تەۋسىيە تاپشۇرۇۋالدى

2023.03.12 13:19 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 11-مارت 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئۇقۇشىچە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلغان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى توختىتىش ۋاقتى 7-مارت سائەت 12 گىچە بولۇپ، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر سۇنغان 271 تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12 گىچە، ۋەكىللەرنىڭ 8000 دىن ئارتۇق تەۋسىيەسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

  قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئالاقىلىشىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ ۋېنجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغىنى 19 پارچە، 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ 252 پارچە. بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە قانۇن چىقىرىشقا دائىر تەكلىپ 268 پارچە، قانۇن تۈزۈشكە دائىر تەكلىپ 147 پارچە، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دائىر تەكلىپ 112 پارچە، قانۇننى چۈشەندۈرۈشكە دائىر تەكلىپ بىر پارچە، قانۇن دەستۇرى تۈزۈشكە دائىر تەكلىپ بەش پارچە، ئىشلارنى قارار قىلىشقا دائىر تەكلىپ ئۈچ پارچە؛ نازارەت قىلىشقا دائىر تەكلىپ ئۈچ پارچە. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرى ئىچىدە، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ۋەكىللەر ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ %80 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.فۇ ۋېنجيې مۇنداق دېدى: ۋەكىللەرنىڭ بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىگە خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكىللەنگەن تەكلىپ 170 پارچە بولۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %62.7نى ئىگىلىدى؛ شەكىللەنگەن تەۋسىيە تەخمىنەن 4800 پارچە بولۇپ، تەۋسىيە ئومۇمىي سانىنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ. ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ قانۇنغا چېتىلىش تۈرىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزۈلگىنى 69 بولۇپ، قانۇنغا دائىر تەكلىپ لايىھەسى ئومۇمىي سانىنىڭ %26 ىنى ئىگىلەيدۇ. ۋەكىللەر تەۋسىيەلىرىدە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلگەن تەرەپلەر ئاساسلىقى: دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛ بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ئەستايىدىل قاراپ چىقىش ئاساسىدا، قانۇن بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋەكىللەر تەكلىپىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدىكەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بىر تۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرىدىكەن.

  فۇ ۋېنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىش، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى تەتقىق قىلىپ بېجىرىش دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە مۇھىم خىزمىتى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش جەريانىدا ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەل رايىنى قوبۇل قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ