مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قايسى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەندە بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ؟

گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇردى

2022.11.23 23:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلار، تارماقلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنى يولغا قويۇش چارىسى»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەۋپ-خەتىرى رايونىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش لايىھەسى»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئائىلىدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش كۆرسەتمىسى»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئائىلىدە ساغلاملىق بويىچە كۆزىتىش-ئۆلچەش كۆرسەتمىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. (مەنبەنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ)

  قايسى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەندە، بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ؟

  بىرىنچى، ئۆلكە مەركىزىي شەھىرى ۋە 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە شەھەرلەر

  (1) يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق ئەمەس، خەۋپلىك سورۇن ۋە خەۋپلىك خادىملار كۆپ، خەۋپلىك خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولغاندا، يۇقۇم يۈز بەرگەن رايون ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، ئۈچ كۈندە يەنە بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  (2) يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پائالىيىتى كۆپ، توختاش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان باشقا رايونلاردا، ئېقىم تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، بەلگىلىك رايوننى بېكىتىپ، بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولسا، بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  (3) رايون ھالقىپ كەڭ دائىرىدە مەھەللىلەردە يۇقۇم تارقالغاندا، دەرىجە ئۆستۈرۈپ قوماندانلىق قىلىش، ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش-يايدۇرماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

  ئىككىنچى، ئادەتتىكى شەھەرلەر

  (1) يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق ئەمەس، خەۋپلىك سورۇن ۋە خەۋپلىك خادىملار كۆپ، خەۋپلىك خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولغاندا، يۇقۇم يۈز بەرگەن شەھەر رايونىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، ئۈچ كۈندە يەنە بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش توختىتىلسا بولىدۇ.

  (2) شەھەر سىرتىدىكى رايونلاردا، ئېقىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىنىپ، بەلگىلىك رايون بېكىتىلىپ، بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، يېزا رايونلىرى

  (1) يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تارقىلىش زەنجىرى ئېنىق ئەمەس، خەۋپلىك سورۇن ۋە خەۋپلىك خادىملار كۆپ، خەۋپلىك خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولغاندا، يۇقۇمغا چېتىلىدىغان تەبىئىي كەنت، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ھەم يۇقۇم چېتىشلىق ناھىيە بازارلىرىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملار يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولسا، ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولسا، بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  (2) يۇقۇم نۇرغۇن يېزا-بازارغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئېقىم تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر كۈنى بىر قېتىم بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرىدۇ، ئۇدا ئۈچ قېتىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتتە يۇقۇملانغۇچىلار يوق بولغاندا، بارلىق خادىملارغا قارىتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ