مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋېي فېڭخې ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.11.23 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  22-نويابىر، كامبودژادا 9-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋۇستىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.


  ۋېي فېڭخې ئالدى بىلەن ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بايدىن 17-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆھبەتلەشتى ۋە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە مەسئۇلىيەت جۇڭگودا ئەمەس، ئامېرىكىدا. جۇڭگو ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوغا ئاقىلانە، ئەمەلىي سىياسەت قوللىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  ۋېي فېڭخې مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تۇنجى قىزىل سىزىق. تەيۋەن جۇڭگونىڭ تەيۋەنى، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ قول تىقىش، ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش جاسارىتى، ئىشەنچىسى، ئىقتىدارى بار.


  سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە ۋە ئۇچرىشىشنى ساقلاپ، كىرىزىسنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغدىشى كېرەك.


  ئىككى تەرەپ يەنە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى، ئوكرائىنا كىرىزىسى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ