مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېنەن ئەنياڭدىكى بىر زاۋۇت ئۆيىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 36 ئادەم ئۆلدى، ئىككى ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى

2022.11.23 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ خېنەن ئەنياڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 21-چېسلا سائەت 16 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەنياڭ شەھىرى ۋېنفېڭ رايونى (يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) باۋليەنسى بازىرى پىڭيۈەن يولىدىكى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قارىغاندا، 22-چېسلا سائەت 6 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ۋەقەدە 36 ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئىككى ئادەم يېنىك يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. ھازىر، ج خ تارماقلىرى ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرىنى تىزگىنلىدى.


  ئىگىلىنىشىچە، ئەنياڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچلىرىنى ئەۋەتكەن، ج خ تارماقلىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى، توك بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى قاتارلىق ھەمتۈرتكە ئارقا سەپ، ھەمتۈرتكە ئورۇنلار بىرلا ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. سائەت 20 لەردە نەق مەيداندىكى ئوت ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن؛ سائەت 23 لەردە نەق مەيداندىكى ئوت ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆلكە، شەھەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە خادىملارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشقا كېچىلەپ تەشكىللىدى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، پسىخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتى بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ