مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يەردىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن ئەڭ يېڭى بايقاش

2022.11.23 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى شاڭخاڭ ناھىيەسىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە يېقىندا زور دائىرىدە ساقلانغان دىنوزاۋىر ئىزىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالدى. بۇ شۇ جايدىكى دىنوزاۋىر ئىزى توپى تاشقاتمىسىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى بايقاش. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ بايقاشنىڭ يەر شارىدا بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  ئىگىلىنىشىچە، شاڭخاڭدىكى دىنوزاۋىر ئىزى توپىنىڭ تاشقاتمىسى 2020-يىل 11-ئايدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، دۆلەت قەدىمكى جانلىقلار تاشقاتمىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بۇنىڭ جۇڭگودا بايقالغان كۆپ خىللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاخىرقى بور ئېراسىغا دائىر دىنوزاۋىر ئىزى توپىنىڭ بىرى، شۇنداقلا فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى دىنوزاۋىرغا ئالاقىدار تاشقاتمىلارنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.


  بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا بايقالغان ئېچىلىپ قالغان تاشقاتمىلار ئىچىدە كۆلىمى تەخمىنەن 15 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە ئەۋرىشكە بولۇپ، ئۇنىڭدا كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار ۋە ھايۋان پۇتلۇقلار قاتارلىق كۆپ خىل دىنوزاۋىرلارنىڭ ئىزى ھەمدە كۆل تەكتى ئىپتىدائىي چۆكمىسى مۇھىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېنىق سىممېترىك دولقۇن ئىزى قۇرۇلمىسى ساقلانغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مۇناسىۋەتلىك تاشقاتمىلارغا ئالتە خىل دىنوزاۋىرنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئىزى مەركەزلەشكەن بولۇپ، ساقلانغان سانى، ئېنىقلىق دەرىجىسى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، كېيىنكى بور ئېراسىدىكى دىنوزاۋىرنىڭ ياشاش ئادىتى، ياشاش مۇھىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شياۋلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايقالغان دىنوزاۋىر ئىزى تاشقاتمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت تاش قاتلىمىدا دىنوزاۋىر دەسسىگەن ئويمان يەر ياكى ئۈستى يېپىلغان تاش قاتلىمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چىققاندىكى ئىزى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بايقالغان دىنوزاۋىر ئىزى تاشقاتمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يۇرا ئېراسى ۋە دەسلەپكى بور ئېراسىغا تەۋە بولۇپ، شاڭخاڭدا بايقالغان دىنوزاۋىر ئىزى كېيىنكى بور ئېراسىغا تەۋە، ئۇ دىنوزاۋىرنىڭ نەسلى قۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھەرىكەت ئىزنالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قىممىتىگە ۋە قوغداش قىممىتىگە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شاڭخاڭدىكى دىنوزاۋىر ئىزى توپى تاشقاتما ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە بايقالغان كۆپ خىل دىنوزاۋىر ئىزى ئاز دېگەندە جەمئىي تۆت قەۋەت بولۇپ، بۇ دىنوزاۋىرنىڭ بۇ رايوندا بىر قەدەر ئۇزاق دەۋر تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ