مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىش مەخسۇس رايونى ۋە سەھىپىسىنى ئېلان قىلدى

2022.10.18 23:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق تورى — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورى باش بېتىدە پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلدى ھەم چوڭ تىپتىكى يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋەر قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى (http://cpc.people.com.cn/20th) تەسىس قىلدى. مەخسۇس رايون ۋە مەخسۇس سەھىپە كۆپ ئۆلچەملىك، كۆرۈنمە، يۆتكىلىشچان، دىئالوگلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى تولۇق قوللىنىپ، كەڭ تور ئەھلىنى كۆپ نۇقتىدىن دىققەتنى يىغىنغا مەركەزلەشتۈرۈش كۆزنىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  خەلق تورىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىش مەخسۇس رايونى قۇرۇلتاي مۇھىم خەۋەرلىرى، مۇھىم ئوبزورلىرى، نۇقتىلىق پىلانلىرى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، يىغىن مۇساپىسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسى يىغىن مۇھىم خەۋەرلىرى، نەق مەيدان خەۋەرلىرى، مۇستەقىل لايىھە، دىئالوگلۇق تاراتقۇ، كۆپ خىل تىل، ماتېرىيال ئامبىرى قاتارلىق ئون نەچچە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يىغىن مۇھىم خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، دىققەتنى يۇغۇرما تاراتقۇ ئىجادىي لايىھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نەزەرىيەۋى ئوبزور ماقالىلىرىنى توپلاپ، خەلق تورىنىڭ مول سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بايلىقىنى نامايان قىلدى.

  خەلق تورىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى مەخسۇس سەھىپىسى 12 خىل چەت ئەل تىلى ۋە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلى نۇسخىسىغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن تارقىتىش يوللىرى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى تارقىتىدۇ. خەلق تورى مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار، دوۋيىن ھېسابات نومۇرى، «خەلق تورى +» ئابونتلار تېرمىنالى ۋە چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ ماترىتسالىرى پۈتۈن دۇنياغا خەۋەر بېرىپ، پۈتۈن تاراتقۇ، كۆپ تېرمىنال ئارقىلىق دۇنياغا يىغىننىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى نامايان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ