مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئۆمەك تەشكىللەپ» شىزاڭغا ياردەم بېرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەسىپ جەھەتتە شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

شىزاڭغا ياردەم بەرگەن 7000غا يېقىن كادىر-ئىختىساسلىقلار شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

2022.08.16 23:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە 17 ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن، 10-تۈركۈمدىكى شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان 2114 نەپەر كادىر ۋە ئىختىساسلىقلار شىزاڭغا بېرىپ، 9-تۈركۈمدە شىزاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارغا كۈچ ئۇلاپ، ئۈچ يىللىق شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 7000غا يېقىن كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنى شىزاڭغا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە» شىزاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ جەھەتتە شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  —— شىزاڭغا ياردەم بېرىش سېلىنمىسى سىجىل كۈچەيتىلدى. 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە شىزاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرىدىن 807 سى يولغا قويۇلۇپ، 40 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، شىزاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 17 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 2311ى يولغا قويۇلۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 284 ناھىيە، رايوننىڭ شىزاڭدىكى 332 ناھىيە، رايون، يېزا-بازار بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 230 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىزاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى.

  شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى تېخىمۇ مۇقىملاشتى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2021-يىلى، شىزاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ 935 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %16 ئاشتى.

  —— «ئۆمەك تەشكىللەپ» شىزاڭغا ياردەم بېرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2015-يىلىدىن بۇيان، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ۋە مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئۆمەك شەكلىدە» شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىلگىرى-كېيىن باشلاندى. سەككىز يىلدىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىز تۈركۈم، تەخمىنەن 1500 نەپەر «ئۆمەك شەكلىدە» شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى شىزاڭغا داۋاملىق ئاتلاندى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە يەتتە ۋىلايەت، شەھەردىكى خەلق دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسى «3-دەرىجىلىك دوختۇرخانا» بولۇپ قۇرۇلۇپ، سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىزاڭدا 400 نەچچە خىل «ئېغىر كېسەل»نى ئاپتونوم رايوندىن چىقارماي، 2400 خىلدىن ئارتۇق «ئوتتۇرا ھال كېسەل»لەرنى ۋىلايەت، شەھەرلەردىن چىقارماي، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقارمايلا داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك شەكلىدە» شىزاڭغا ياردەم بېرىشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ياردەم بېرىدىغان 17 ئۆلكە، شەھەر 2076 نەپەر مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، «ئۆلكە مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىش» شەكلى بىلەن شىزاڭدىكى 21 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «چىڭلەن قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 677 جۈپ ئۇستاز-شاگىرتنى قوشماق بولۇشقا تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى 1129 ئوقۇتقۇچىغا ياردەم بەردى؛ شىزاڭدىكى 679 ئوقۇتقۇچىنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە ئىش ئورنىدا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى؛ «ئوقۇتقۇچىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»، «نۇقتىدا تۇرۇپ» ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيەتلىرىنى 168 تۈركۈمدە 1485 ئادەم (قېتىم) قانات يايدۇردى، 134 تۈركۈمدە 730 مۇتەخەسسىس، داڭلىق ئوقۇتقۇچىنى شىزاڭغا بېرىپ تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى، بۇنىڭدىن نەپ ئالغان ئوقۇتقۇچى 50 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى. شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، شىزاڭدىكى 122 مەكتەپ بىلەن ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى 134 مەكتەپ قوشماقلىشىپ، ئىككى جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قول تۇتۇشۇش»، يازلىق لاگېر قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  —— كەسىپ جەھەتتە شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلار يېتىشتۈرۈش بىلەن كىرگۈزۈشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش، كەسىپلەر رايونىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش، ئىلغار تەجرىبىلەرنى كىرگۈزۈش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ جەھەتتە شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. نۆۋەتتە، شىزاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش شىزاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى كۈچ بولۇپ قالدى، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم شىزاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، لاسا گېساڭتاڭ زامانىۋى كەسىپ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، لىنجى يۆلىن كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىنىپ، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىنىڭ رولىغا تايىنىپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر تيەن گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: «كەسىپ جەھەتتە شىزاڭغا ياردەم بېرىش ساھەلەر بويىچە شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ‹14-بەش يىل›لىق نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بەش تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنىڭ بىرى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كەسىپ جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى شىزاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىدىكى ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ