مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2022.08.01 22:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 15-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ___ ئىسسىق قان ئاققۇزۇش، ھاياتنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ___ جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن، ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق تۈرتكە بولغان، بىزنى مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش — بىر قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىگە باغلىق؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش شەرت.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1927-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەنچاڭ شەھىرىدە بىر پاي ئوق ئاۋازى ياڭراپ، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇش مۇقەددىمىسى باشلاندى. شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى كۆزلەشتەك تارىخىي ئېقىمغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئىس-تۈتەك، ئۇرۇش ئوتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يولبويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئارقا-ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە ياراتتى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇردى، خاس شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى. خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ كۈچنى، غايە-ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ كۈچىنى، جەڭگىۋار روھنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى، ئىنقىلابىي ئىنتىزامنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ قانلىق كۈرىشىدە ئېرىشكەن يىمىرىلمەس ھەقىقەت؛ يۈكسەك غايە، ئېتىقاد خەلق ئارمىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى مەنىۋى كۈچى؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش — خەلق ئارمىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان داغدام يول؛ ئۇرۇش ماددىي كۈچنىڭ سىنىشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى كۈچ سىنىشىشتۇر؛ ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندە، ئىنقىلابتا غەلىبە قىلماي قالمايدۇ؛ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا باققاندا، خەلق رايى بويىچە ئىش قىلغاندا، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندە خەلق ئارمىيەسى ھەممە يەردە غەلىبە قازىنىپ، جاھاندا تەڭدىشى بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، خەلق ئارمىيەسى قايتىدىن قوراللىنىپ يولغا چىقىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى شەرت؛ پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزملىق ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشى شەرت؛ باشتىن-ئاخىر دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىشى شەرت؛ سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شەرت؛ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشى شەرت؛ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئىشىنىدىغان، خەلق ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قىزغىن سۆيىدىغان پەرزەنت ئەسكەرلەردىن بولۇشى شەرت.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ. جۇڭگو ئارمىيەسى ئىزچىل خەلقئارا ھەربىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كېلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ