مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك (مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش)

2022.07.28 23:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختا ئىشلەش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى، يەنە بىر قولدا ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تۇتۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە رەقەملىشىپ، تورلىشىپ، ئەقلىيلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  5-ئايدىن بۇيان، چۇڭچىڭ بانەن رايونى چاڭئەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل لىڭياۋ زاۋۇتى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يېڭى ئاپتوموبىل زاكاز قىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، زاۋۇت «ئادەم ئالمىشىش، ئۈسكۈنىلەر ئارام ئالماي ئىشلەش» ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلدى، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 600 دانىدىن ئاشتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، چاڭئەندە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 52 مىڭ 800 دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.3 ئاشتى.

  يەككە كۈنلۈك زاكاز سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى! 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شۈجوۋ قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ قېزىش ماشىنىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بازىسىدا، زاكاز قىلىنغان 200 دانە قېزىش ماشىنىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونغا تۈركۈملەپ تاپشۇرۇپ بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۈجوۋ قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق بازىرىغا يۈرۈش قىلدى، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد 38 توننىلىق، 60 توننىلىق چوڭ توننىدىكى قېزىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى ئىشەنچلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تۆۋەن ماي سەرپىياتىغا تايىنىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار، تارماقلار ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رىقابەت كۈچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن سانائەتنىڭكىدىن تېز بولغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشقان، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، بۇ، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ئالاھىدىلىك. ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ساھە ۋە تۈگۈنلەردە ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭ دېڭىز بويىدىكى شامال مەيدانىدا، بىر قاتار ئاپئاق ئېگىز دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ماشىنىسى شامالغا قارشى ئايلىنىۋاتاتتى. بۇ غايەت زور ماشىنىلارنى تىرەپ تۇرغىنى دىئامېتىرى 6 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 77 مېتىر كېلىدىغان پولات قوزۇق بولۇپ، پولات قوزۇقنى 43.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا كىرگۈزگىنى دەل جۇڭشىن ئېغىر سانائەت گۇرۇھى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى سۇيۇقلۇق بېسىملىق قوزۇق قېقىش بولقىسى ئىدى.

  جۇڭشىن ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «سۇيۇقلۇق بېسىملىق قوزۇق قېقىش بولقىسى دېڭىز ئۈستىدىكى شامال ئېلېكتىرى ئۇل قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئىمپورت قىلىناتتى. يېڭى مەھسۇلاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ دېڭىز سانائىتى جابدۇقچىلىق ساھەسىدىكى ھالقىلىق تېخنىكىسىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.»

  بىر تەرەپتە، «بىپايان دېڭىز يۈزىگە تۆمۈر تۈۋرۈك ئورنىتىلغان» بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، كىچىك ئارىلىقتا ناھايىتى نەپىس ئويما ئويۇلغان.» جېجياڭ نىڭبو شەھىرى خۇەنسەيشىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ چاڭ-توزانسىز سېخىغا كىرگىنىمىزدە، نەچچە ئون مىڭ مىكرومېتىر دەرىجىلىك تۆشۈك ئويۇلغان نازۇك مېتال نىقابلىق تاختىلار تولۇق ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن پۈتۈپ چىقتى.

  «كۆز ئالدىمىزدىكى قېلىنلىقى چاچنىڭ دىئامېتىرىنىڭ 4/1 ئەتراپىدا بولغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مېتال نىقاب تاختىسى ئېكراننىڭ پەرق ئېتىشچانلىقى ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.» خۇەنسەيشىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ زۇڭيى مۇنداق دېدى: يېڭى مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن مېتال تاختا زاۋۇتلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئۈمىد بار.

  دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول مەخسۇس يۇقىرى سۈرئەتلىك بەش ئوقلۇق پىششىقلاش مەركىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتى، دۇنيا بويىچە تۇنجى بازغانلاپ شىلىش بىر گەۋدىلەشكەن D3 بېسىش رەقەملىك كونترول قىلىش ئىستانوكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى، ئىلغار ئېنېرگىيە ساقلاش ماتېرىيالى قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور جابدۇق، مۇھىم ئاساسىي زاپچاس، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى كەسىپ زەنجىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تېخىمۇ كۆپ كارخانا كەسىپ ساھەسىدە ئەۋزەللىك ھاسىل قىلىپ، «ئۆزگىچە قالتىس ماھارەت» يېتىلدۈردى.

  «2019-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان قېلىپسىز گۇرۇپپىلىق باتارېيە بوغچىسى تېخنىكىسى بۈگۈنكى كۈندە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ 3.0 نۇسخىلىق چىلىن باتارېيەسىگە ئايلاندى، سىستېمىنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقى ھەر كىلوگىرامغا 250 ۋات سائەتتىن ئاشىدۇ، توك مىقدارى چەت ئەلدىكى كەسىپداشلار قوغلىشىۋاتقان 4680 چوڭ سىلىندىرلىق باتارېيە سىستېمىسىدىن %13 يۇقىرى.» نىڭدې دەۋر يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئالىمى ۋۇ كەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت كېيىنكى ئەۋلاد قۇرۇلمىدا يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئۆزىكى بىلەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى، تەگلىك، توك بىلەن قوزغىتىش، ئىسسىقلىق باشقۇرۇش ۋە تۈرلۈك يۇقىرى-تۆۋەن بېسىملىق كونترول قىلىش مودېلى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ھەجىمدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، 100 كىلومېتىر مۇساپىنىڭ توك سەرپىياتى 12 كىلوۋات سائەتتىن تۆۋەن بولىدۇ.

  تىغ باتارېيەسى، ئوقدان باتارېيەسى، يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى باتارېيە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قوزغىتىش باتارىيەسى ساھەسىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىلدى، ئىلغار ئۈچ مەنبەلىك باتارىيە، تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارىيەنىڭ يەككە تەن ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە زىچلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر كىلوگىرامى 280 ۋات سائەت، 170 ۋات سائەتكە يەتتى، تايانچ كارخانىلارنىڭ باتارىيە سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئۆمرى 5000 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى، قوزغىتىش باتارىيە تېخنىكىسى دۇنيادا داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 8 يىل يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ قوزغىتىش باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 206.4 گىگاۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %176.4 ئاشتى.

  كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەلىي ئىشلەش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  —— ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېلىنما سالمىقى ۋە قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئەگرى سىزىقلىق خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، پۇختا قەدەم بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بىر ئەگرى سىزىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى: يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %9.4تىن 2021-يىلىدىكى %15.1كە يەتتى. ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى سىجىل ئەلالاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئاشتى.

  —— ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  «مۇردا كارخانا»لارنىڭ چىقىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چىقىرىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر كەسپى دۇنيا پولات-تۆمۈر تەرەققىيات تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «13-بەش يىل»دا جەمئىي 170 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتتى، كېرەكسىز پولاتتىن 140 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئەسلىدىكى مۇۋاپىق سەۋىيەگە يېتىپ، پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدا نۇقتىلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 6 تىرىليون 930 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.7 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 352 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.7 ئاشقان.

  ___ گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

  چۇڭچىڭ بىشەن رايونىغا جايلاشقان فۇدى باتارىيە زاۋۇتىغا كىرگىنىڭىزدە، زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىش تەرتىپى، لىنىيەلىرىنى قاپلىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سېنزورلار، نەچچە يۈزلىگەن سانائەت ماشىنا ئادىمى، خىللاشقان، ئاپتوماتلاشقان، ئۇچۇرلاشقان ياساشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بىرىتىۋا شەكىللىك باتارىيەنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك زاۋۇتىنى بەرپا قىلغانىدى.

  بىيادى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش لىدىرى ۋاڭ چۈەنفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن بۇيان، بىيادى شىركىتى بىرىتىۋا شەكىللىك باتارېيە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارغا تايىنىپ تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە بازارنىڭ جانلىنىشىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن يىلدا سېتىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 600 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %220 ئاشتى. بۇ يىل 5-ئايدا، بىيادى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىدىن 114 مىڭ 900ى سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %348.1 ئاشتى. بۇ، بىيادىنىڭ 3 -ئايدىن بۇيانقى يەككە ئايلىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ3–قېتىم 100 مىڭدىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ».

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى داۋاملىق يۇقىرى ئېشىش، ئۇزاققىچە بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئېشىپ، 6 -ئايدا بازارغا سىڭىش نىسبىتى %23.8كە يەتتى. ئوخشاشلا تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلاردىن يەنە ماشىنا ئادەم، يورۇقلۇق ۋولت باتارىيەسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرمۇ بار. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى، مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا %44.9 ۋە %48.9 ئاشقان؛ بۇ يىل 2-پەسىلدە، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، فوتوۋولت باتارېيەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %61.3، %50.6، %30.4 ئاشقان، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، توپلاشتۇرۇلغان توكيولى قاتارلىق كىچىك ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى بولغان.

  كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك تېخنىكا ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، ئەلالاشتۇرۇشىمىز، زورايتىشىمىز كېرەك.

  گۈرۈلدىگەن ئاۋازغا ئەگىشىپ، قىپقىزىل پولات تاختا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈپ، پىروكاتلاش، پۈركۈپ سوۋۇتۇش ئارقىلىق ئاۋۋال قارارەڭلىك پولات لېنتىغا، ئاندىن ئورالما پولاتقا ئايلاندۇرۇلدى... ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى ئەنشەن پولات-تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى قىزدۇرۇپ پىروكاتلانغان تاسما پولات زاۋۇتىنىڭ 1780 قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىرغا يېتىدىغان يوللاش رېلىسى 400 دانە تۇلۇقلۇق ئېلېكتىر موتور ئارقىلىق قوزغىتىلدى، ئەگەر مەلۇم ئېلېكتىر موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ رېلىس توختاپ قالسا، پىروكاتلانغان پولات لېنتىنىڭ سىرتقى يۈزىدە كەڭ كۆلەملىك سىزىقچىلار پەيدا بولاتتى. ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ «G5 + سانائەت ئالاقە تورى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپ كۆرۈنۈشىنىڭ بىرى بولغان قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى G5 ئېلېكتىر ماشىنىسىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش قىيىن مەسىلىنى تېز، ئوڭاي ھەل قىلدى.

  «نەچچە يۈز سېنزور توك ئېقىمى، تەۋرىنىش، تېمپېراتۇرا قاتارلىق ھەرىكەتلىنىۋاتقان چاغدىكى ھالەت پارامېتىرىنى دەل ۋاقتىدا توپلايدۇ ھەم G5 تورى ئارقىلىق <جىڭگاڭ يۈن> سۇپىسىغا يوللاپ، دەرھال ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلېكترو ماشىنىنى ئىلمىي مۆلچەرلەپ ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى،رەقەملىك ئەنشەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەسئۇل تونۇشتۇرۇپ. بۈگۈنكى كۈندە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى جىددىي توختىتىلىپ، كاشىلىنى رېمونت قىلىش قېتىم سانى %20 تۆۋەنلەپ، مەشغۇلات ئۈنۈمى %5 ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن رېمونت خىراجىتى تېجەپ قېلىنغان، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 87 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاشقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىدا كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش ھالقىلىرىنى رەقەملىك كونترول قىلىش نىسبىتى، رەقەملەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %55.7 ۋە %75.1كە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 31.1 ۋە 26.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپنى ئۆزگەرتىش رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقنىڭ نەتىجىسى.

  جېجياڭ خېڭيى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ماتېرىيال سېخى، بەيدۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت سۇپىسى بەرپا قىلغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن بىرلىشىپ، يەككە ئۇرچۇقلۇق يىپەك نوكچىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى 2.5 سېكۇنتقا قىسقارتىپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى سۈنئىي سۈپەت تەكشۈرۈشكە قارىغاندا %70 ئۆستۈردى. 2021-يىلى، بەيدۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇتى ئوتتۇرىغا قويغان سانائەت ئالاقە تورى ماركىسى «بەيدۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت سۇپىسى» «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + سانائەت ئالاقە تورى»نى ئالاھىدىلىك قىلىپ ئېلېكتىرون، ئاپتوموبىل، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، پولات-تۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق 22دىن ئارتۇق ساھە بويىچە 300دىن ئارتۇق بايراقدار كارخانىنى بۇلۇت ئەقلىي ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن رەقەملەشكەن بىر پۈتۈن ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 رايوندا چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كەسىپ، ساھە ھالقىغان 15 سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى ئىچىدە، كۆزىتىشكە بولىدىغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇلىنىش سانى 30 مىليون 720 مىڭ دانە (يۈرۈش)گە، سانائەت APPسىنىڭ سانى 225 مىڭدىن ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان «G5 + سانائەت ئالاقە تورى» تۈرى 3100دىن ئاشقان.

  كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپنى ئۆزگەرتىش رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ھالقىشىنىڭ نەتىجىسى.

  سىچۈەن چېڭدۇ شەھىرىنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىل سىناق يولىدا، ساپ توكلۇق شەھەر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئاپتوماتىك ھەيدەش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر ۋە سۈنئىي ئەقىلنى ئىجادىي ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولۇش ئۈچۈن، ئومۇمىي سېلىنما كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان چېڭدۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇ كۈنى، 12 كارخانا كېلىشىم ئىمزالاپ ماكانلاشتى، ھېسابلاش كۈچىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

  «خۇاۋېي ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىنى ئۇلاش ۋە ھېسابلاش تېخنىكىسىدىكى رەقەملىك ئېنېرگىيەدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، <شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش>قا قاتناشقان خېرىدارلارنى رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلات ۋە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دېدى، خۇاۋېي نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گو پىڭ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر 20 نەچچە شەھەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ