مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، قانۇنچىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى ——

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى (جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى — يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىندى)

2022.07.28 23:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى سۈن ماۋلى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى كادىرلار تەلىم-تەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ دېچىڭ، ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چيۇ باۋلى، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جۇڭيى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يىڭۋېي، قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جياڭپىڭ ج خ ئورگانلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سۈن ماۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، قانۇنچىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.»

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 2012-يىلىدىكى %87.55 تىن 2021-يىلىدىكى %98.62 كە يەتكەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ قارايدىكەن.

  سىياسىي بىخەتەرلىك قوغدالدى

  جەمئىيەت ئامانلىقى قوغدالدى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى سىياسىي خەۋپسىزلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەرلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، مەملىكەت بويىچە ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى.

  ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى مۇھىم، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «چاڭجياڭ دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ بىيو بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم، زور بىخەتەرلىك قوغداش ۋەزىپىلىرىنى تولۇق تاماملىدى.

  قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى دائىملاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلدى. 2018-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قارا، رەزىل كۈچلەر تەشكىلىي گۇرۇھىدىن 16 مىڭ 600نى يوقاتتى. مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش دائىملىق قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ج خ ئورگانلىرى «كەنت زومىگىرى»، «قۇم زومىگىرى»، «كان زومىگىرى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، «يۈرۈشلۈك قەرز بېرىش»، «يالىڭاچ پاراڭلىشىپ» قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق توردا يولغا قويۇلغان قارا، رەزىل جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلاتتىن 249 نى، رەزىل كۈچلەر جىنايەت گۇرۇھىدىن 1486 نى بىتچىت قىلىپ، 22 مىڭ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەش نەتىجىسىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملىدى.

  ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى. ج خ ئورگانلىرى دىققەتنى «سېرىق، قىمار، زەھەر»، «ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق»، «يېمەكلىك، دورا، مۇھىت» قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان دېلولار ۋە ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ دېلولارنى تېخىمۇ تېز پاش قىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىچىك دېلولارنى پاش قىلدى. ليۇ جوڭيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 3-ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر يىللىق ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىدىن 906سى پاش قىلىنىپ، نەچچە يىللاردىن بۇيان يوقاپ كەتكەن، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 1198 ئايال ۋە بالا قايتۇرۇپ كېلىندى، ئالداپ سېتىشقا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 1069ى تۇتۇلدى.»

  تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، مۇھىم تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساقچى كۈچى ئىشقا سېلىنىپ، 100 مىڭغا يېقىن ئورۇن، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر سىستېمىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تور بىخەتەرلىكى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى يوشۇرۇن خەۋپىدىن 2 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇقى بايقالدى ۋە تۈگىتىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ سەككىز خىل ئاساسلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە دېلو ئېچىش سانى 2012-يىلىدىكىدىن %64.4 تۆۋەنلىگەن، مەملىكەت بويىچە نەق قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىش نىسبىتى %99 كە يەتكەن. ئېلىمىز ئۇزۇندىن بۇيان يەر شارى بويىچە قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى

  «2018-يىلىدىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى ئۇدا بەش يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ، ‹تورنى ساپلاشتۇرۇش› مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، قەستكارلار ھۇجۇم قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توردا قارا مۈلۈك بولۇش، توردا قىمار ئويناش، توردىكى شەھۋانىيلىق، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق تور تەرتىپى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىپ، دېلولارنى پاش قىلىپ، شايكىلارنى يوقاتتى.» ۋاڭ يىڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخسۇس ھەرىكەتتىن بۇيان، تۈرلۈك تور جىنايىتى دېلوسىدىن 255 مىڭى پاش قىلىنىپ، 385 مىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، راۋانلىققا زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ياخشى بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئېغىر قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ سانى 2012-يىلىدىكى 25 قېتىمدىن 2021-يىلىدىكى تۆتكە چۈشۈپ، ئۇدا 33 ئاي پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمىدى، بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بىرقەدەر زور ھادىسە سانىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %59.3 كە يەتتى.

  ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش داۋاملىق قاتتىق تۈزەلدى. لى جياڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايەتكە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەت ھادىسىسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ‹ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى چەكلەش› كەڭ جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھەر 100 ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەندە مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ بايقىلىش نىسبىتى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايەتكە كىرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىكىدىن %70 تىن كۆپرەك ئازايدى.»

  جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. مەملىكەت بويىچە 21 مىڭ كوچا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، 136 مىڭ مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، 5026 ئاقىل ج خ تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلدى، 256 مىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش مەھەللىسى قۇرۇلدى. 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە «تالاش، بۇلاش دېلوسى» ۋە ئوغرىلىق دېلوسى سانى 2012-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم %96.1، %62.6 تۆۋەنلىدى، 218 مىڭ ئولتۇراق رايوندا دېلو يۈز بەرمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، زىددىيەت، ماجىرالار چوڭقۇر قاتلامدىن ھەل قىلىندى. چيۇ باۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جايلاردىكى ساقچىخانىلار دېلونى قوبۇل قىلىش، دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىش، مەھەللىدە تۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ زىددىيەت-ماجىرالارنى بالدۇر بايقاش، تولۇق ئارىلىشىش، مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچىخانىلار 6 مىليون 50 مىڭ قېتىم زىددىيەت- ماجىرانى رەتكە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىپ، 3 مىليون 880 مىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتكەن.

  ساقچى ئىشلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچى ئىشلىرى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلدى. «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىدا تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا بەرپا قىلىش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە قايتا قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېدى، سۈن ماۋلى.

  ئۆتكەن ئون يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دىققەتنى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، مەدەنىي، قېلىپلاشقان قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ سىستېمىلىق، پۇختا بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى، مەمۇرىي دېلولارنى بېجىرىش تەرتىپى، بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسى، نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش يېتەكچىلىكىنى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشىنى ئېنىق، كونكرېت مەشغۇلات ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى بىلەن تەمىنلەپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خالىغانچە ئىش قىلىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىلىق تارماقلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىكى نۇقتىلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھالقىلىرىنى بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بىرتۇتاش ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ساقچىخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلاردا قانۇن-تۈزۈم خادىمى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

  قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت كاپالىتى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچىخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش سورۇنلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش رايونىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا بىرلا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مۇلازىمەت كاپالىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن جەمئىي 2994ى قۇرۇلۇپ، پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %97.4كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا دېلو بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئۇچۇرلىشىش ۋاسىتىسىگە تايىنىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىز قالدۇرۇش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇشقا بولىدىغان باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتى دەرىجە ئىمتىھانىنى يولغا قويۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ساپاسى ۋە قانۇننى تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان خەلق ساقچىلىرىدىن تەخمىنەن 1 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇقى ئاساسىي دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىگە، 60 مىڭ كىشى يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ۋۇ دېچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچى ئىشلىرى بويىچە تۈرلۈك ماھارەت-تاكتىكا كۇرسى، كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىدىن 300 نەچچە مىڭ قارار ئېچىپ، تۈرلۈك قارشىلىشىپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىدىن 250 نەچچە مىڭ مەيدان قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان. بولۇپمۇ 2019- يىلىدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان پۈتۈن ساقچى ئەمەلىي جەڭ چوڭ مەشىقى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان، ئىقتىدار ساپاسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن، ئىنتىزام ئىستىلى يەنىمۇ ياخشىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ