مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 12345 بىلەن 110 سۇپىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2022.05.17 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-چېسلا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى بىلەن 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلغان. «پىكىر» دە 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، 12345 بىلەن 110 سۇپىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.


  «پىكىر» دە 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى رايونلار 12345 ۋە 110نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، 12345سۇپىسىنى تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ فونكىسىيىسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي بولمىغان دەۋا تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىدىغان، 110 سۇپىسىنى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىدىغان، جىددىي، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، 12345 بىلەن 110 سۇپىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ