مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق، سۇسلۇق قىلىشقا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش لازىم

2022.04.08 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبارسىز قارايدىغان، زىيان يەتكۈزىدىغان، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، قالايمىقان قىلىدىغان مەسىلىلەر پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەل رايىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشنى چۆرىدەپ مۇلازىمەت كۆزنىكى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى، ئىجابىي، سەلبىي تىزىملىكنى تۈزۈش ۋە ئاشكارىلاش؛ فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقى، كادىرلارنىڭ ھوقۇق ئىشلىتىشى ئىلمىي، ئەمەلىي بولغان-بولمىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە دائىملىق نازارەت قىلىش، 1-سەپتە نازارەت قىلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىش، دەل جايىدا نازارەت قىلىش؛ تىپلارنى ئاشكارىلاشنى چىڭ تۇتۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بېرىش، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق زەنجىرلەشكەن، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، داۋاملىق «ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش»، «ئەمەل-مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش»، ئۆزگەرتىۋېتىش، چالا قىلىش قاتارلىق قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ