مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»نى ئورنىدىن تۇرغۇزايلى

2022.04.08 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار بىر قىسىم يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ «بەل قويۇۋېتىش» ئىستىلنى قاتتىق توسۇشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ھەم «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»غا ئاگاھلاندۇرۇش بولدى، ھەم كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشقا پايدىلىق ئىلھام بەردى. «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار» قۇرۇق گەپنى باش ئورۇنغا قويۇپ، قۇرۇق سۆز بىلەن قوماندانلىق قىلىپ ھەم چوڭ ئىشلارغا دەخلى يەتكۈزدى، ھەم خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى. بۇنداق ئىستىلنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويغاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا بىۋاسىتە زىيان يېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ تۈزەش كېرەك.

  ئىدىيەنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى ئەڭ خەتەرلىك چېكىنىش، غايە-ئېتىقادتىكى بوشاڭلىق ۋە تەۋرىنىش «بەل قويۇۋېتىش»نىڭ مۇھىم سەۋەبى. «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»نى ئورنىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىش بېجىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىزمەتتە ھەر ۋاقىت ئۆزۈمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، 1-سالاھىيىتىمىز، 1-مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن «بەل قويۇۋېتىش»نى رەت قىلىشىمىز كېرەك.

  «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»نى ئورنىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈم چىتلىقىنى مۇستەھكەملەش، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، جاپاغا چىدايدىغانلارنى ئەتىۋارلاش، مۇنەۋۋەرلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىش قىلغانغا ئورۇن بېرىش، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا سېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن كەچۈرىدىغانلارنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ، «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»غا «بەل قويۇۋېتىش» ئىمكانىيىتى قالدۇرماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ۋە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، «بەل قويۇۋەتكەن كادىرلار»نىڭ قەلبىدە مەسئۇلىيەت، كۆڭلىدە ھېيىقىش پەيدا قىلىپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ