مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تەرەپ «ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېينىڭ ئىچكى قىسمىغا ئاخبارات خادىمى كىرگۈزگەنلىكى» توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى!

2022.01.18 12:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يېقىندا، سىنگاپورنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ما كەيشو مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەنگلىيە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرغانئاخبارات خادىمىنىڭ«ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش»ى ئارقىلىق، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئەمما، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا «تەسلىم بولدى». ھازىرغىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلمىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  باياناتچى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم، كۆپچىلىككە ئوخشاش، ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققۇم بار.»

  «مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن ئوبزورىدا، ئەنگلىيەنىڭ خۇاۋېينى«قامال قىلىش» قارارى ئەنگلىيەنىڭ 5G قۇرۇلۇشى نىشانىنى زور دەرىجىدە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، ئەنگلىيە رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تاراتقۇ ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىۋەزىرى ئولىۋېر داۋدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خۇاۋېي»نىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەش ئەنگلىيەنىڭ 5Gقۇرۇلۇشىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېيدەك بۇنداق ھالقىلىق ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ 5G ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش كەلگۈسى ئون يىلدا ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار تور ئورۇنلاشتۇرۇش تەننەرخىنى% 9تىن% 29كىچە ئۆستۈرۈۋېتىدۇ».

  جاۋ لىجيەن قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەدىكى بەزى كىشىلەر ۋە كۈچلەر سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ مەلۇم دۆلەتكە يان بېسىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ، جۇڭگونىڭ ئالاھىدە كارخانىلىرىنى باستۇردى، ئەمما ئۆز دۆلىتىدىكى ئاممىنى 5G يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىدىن مەھرۇم قىلىشتەك ئاچچىق مېۋىنى تېتىتتى، بۇنداق قىلىش ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ