مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۈگۈن كەچتە ماي باھاسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ!

2022.01.17 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ مەزگىلدە (2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇيان)، نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقاكۈچىيەلمىگەنلىكتىن، نېفىتنىڭ ئامبار زاپىسى سىجىل تۆۋەنلىدى، بازارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىشى قىس بولۇش ئەندىشىسى قايتا باش كۆتۈردى، بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى كۈچەيدى، برېنت يەنە 85 دوللار / تۇڭ ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە خام نېفىتتىكى بىرقاتار ئۆزگىرىش نىسبىتى ئۈزۈكسىز زورايدى، 2022 - يىلى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم تەييار ماي باھاسى تەڭشىلىپ، ھەر توننىسىنى 330 يۈەن ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش مۇقىملاشتى، بۇنىسۇندۇرغاندا 92# بېنزىن، 0#دىزېل ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.26 يۈەن ۋە 0.28 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ.

  1- ئاينىڭ 13- كۈنى بىرقاتار خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى % 6.84 بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 24 تە، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى 330 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021- يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى 25 نۆۋەت تەڭشىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 قېتىم ئۆرلەپ، 6 قېتىم چۈشۈپ، 4 قېتىمتوختاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىن ، دىزېلنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدا جەمئىي 1485 يۈەن، 1430 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ