مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ خەت - چەكلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.02.18 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ خەت - چەكلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ خەت - چەكلەردىن تاللانمىغا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 5 - ئايدىن 2021 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى خەت - چەكلىرىدىن جەمئىي 239 پارچە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم خەت - چەكلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  بۇ خەت - چەكلەردىن تاللانمىدا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما، ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىدىكى سىياسىي ئەربابلار ۋە ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىسى خاتىرىلەنگەن. خەت - چەكلەردىن تاللانمىنىڭ مەزمۇنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلغان، مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپلار، نەزەرىيەۋى قاراشلار، فاڭجېن - سىياسەتلەر ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ، بىزنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ