مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ، مايسىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ داۋاملىق 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.02.15 12:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتكوم، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ھازىر كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ مايسا ئەھۋالى ئاجىز، ئاجىز مايسىلارنىڭ تىمەن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر، جايلارنىڭ، مايسىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەپ، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق تاماققا دائىر مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش — يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك چوڭ ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى كەم-كوتسىز تاماملاپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، سېرىق پۇرچاق ۋە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي كېڭەيتىپ، تاماققا دائىر مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى كونكرېت يەر بۆلىكى ۋە مەسئۇل كىشىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش، يەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاسىلاتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىدىن قۇرۇلغان تېرىلغۇ يەر ئارقىلىق ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن تەتقىقات سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات ۋە ئەسلىھەلىك چارۋا-قۇش باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە ماشىنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىغا ماس كېلىدىغان سورت ۋە تېخنىكا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ