مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.02.16 22:38 مەنبە: خەلق تورى

  2021-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2021-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشى، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. بۇلتۇر گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىدىن 8666 نى، ئەزالارنىڭ تەكلىپىدىن 5718 نى بېجىردى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەۋسىيە، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %96.4 ىنى ۋە %93.4 ىنى ئىگىلىدى، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ 4300 دىن ئارتۇق پىكىر-تەكلىپى قوبۇل قىلىندى، 1600 دىن ئارتۇق ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، توردىكى سىن، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون، قىسقا خەۋەر، توردا سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ھەم بىر-بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تەكلىپ-تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىپ، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ توغرا، ئېنىق قاراشلىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا تايانچلىق، تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. ھازىر سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، مۇلازىمەت كەسپىدە يۇقۇم قاتارلىق تەسىرلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەر مەۋجۇت، يېقىندا چىڭ تۇتۇپ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ يىل ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئۈسكۈنە-سايمانلارنى يېڭىدىن سېتىۋالغاندا، ئامورتىزاتسىيە ئۈچ يىل بولسا، بىر قېتىمدىلا باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ، ئامورتىزاتسىيە تۆت يىل، بەش يىل، ئون يىل بولغانلىرىدىن يېرىمىنى كېمەيتىپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ياسىمىچىلىقتىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج كېچىكتۈرۈش سىياسىتى ئۇزارتىلىدۇ. يەرلىكنىڭ «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ تەتبىقلىنىش سۇبيېكتى دائىرىسى كىچىك، پايدىسى ئاز كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. خەلق بانكىسى رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو قەرز پۇلىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى قوللاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈچىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ۋە كەسىپ ئاساسىنى قايتا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، ساياھەت، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق كەسىپلەردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا باسقۇچلۇق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، قىسمەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2022-يىلى ئاممىۋى قاتناش ۋە ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش، پاراخوتتا يولۇچى توشۇش، تاكسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت مۇلازىمىتىدە قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. %80 نىسبەت بويىچە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەت پۇلى ۋاقتىنچە قايتۇرۇلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغان مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا، بۇ يىل يۇقۇم ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتىرى بار رايونلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن ئالتە ئايلىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، باشقا رايونلاردىن ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. جايلار دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغان مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مۇۋاپىق ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ ئىجارە ھەققى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بۇ يىللىق ئۆي-جاي بېجى، شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى توسالغۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ تەننەرخ ئۆسۈش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، مال باھاسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك؛ ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ، تولۇق كۈچ چىقىرىشىنى قوللاپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توكقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سىياسەتتە مۇۋاپىق ئالدىن كۈچ چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىش سىياسەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ