مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جۇڭگودىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چاغانلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.02.07 11:55 مەنبە: خەلق تورى

  چاغان يېتىپ كېلىۋاتقان پەيتتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 26–كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا، جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي ئەھۋاللاشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بىرقانچە مۇتەخەسسىس پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ۋە خېيىم-خەتەر، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭىدىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق سىياسەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باجنى ئازايتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىنى كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇردۇق. سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بۇ يىللىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا سىياسەت بوشلۇقى ئېلىپ قويدۇق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا قارىتا ماكرولۇق سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلايمىز؛ نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇمىز؛ بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرىمىز؛ كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، باجنى ئازايتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە كۆلەملىك بىرىكمە سىياسەتنى ياخشى يولغا قويۇپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر، كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئ‍ۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىمىز؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا-تىجارەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى. بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. ئادەم، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جۇڭگودىكى خىزمىتى، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى


  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ