مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گەنسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2022.02.01 00:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ، ئۆلكە باشلىقى رېن جېنخېنىڭ ھەمراھلىقىدا جىنچاڭ، ۋۇۋېيدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جىنچاڭ شەھىرى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك بازىرىدا پانۇسلار ئېسىلىپ، كىشىلەر مىغ-مىغ بولۇپ، قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى. لى كېچياڭ بىر نەچچە يايما ئورنى ۋە بىر ئاشخانىغا بېرىپ، چاغانلىق مال سېتىش، باھا قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. بىر يايمىچى زۇڭلىنى ئۆزىنىڭ كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ، گەرچە بۇ ئىككى يىلدا يۇقۇمنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى، كارخانىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى زور ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى. لى كېچياڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا يايما ئورنى ھەققىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، سانسىزلىغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ تاماق قاچىسىغا مۇناسىۋەتلىك، ھازىر نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۇلارنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى قوللاشنى زورايتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، جايلارمۇ باشقا خىراجەتلەرنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتا كۆپرەك ئامال تېپىشى كېرەك. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كالا يىلى پات ئارىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تېرىلغۇ كالىلىرىغا ئوخشاش ئىشچانلىقىنى ساقلاپ قېلىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يولۋاس يىلىدا يەنە ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ ۋۇۋېي شەھىرى مىنچىن ناھىيەسى ساۋفاڭگې قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا گەنسۇنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كادىرلار، ئامما ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىدائىيلار ئورتاق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئېكولوگىيە ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى چوڭ ئىش، دۆلەت داۋاملىق قوللاپ، سېلىنمىنى ئاشۇرىدۇ. پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئۆسۈملۈك سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جانلىقلار كۆپ خىل بولغان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ خۇاجيەن كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارغا يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، كۆپچىلىك ھازىر كىرىم ئاشتى، تۇرمۇش ياخشىلاندى دېيىشتى. لى كېچياڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالىسىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، داۋالاش يۈكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مەسئۇل يولداشلارغا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشنى تاپىلىدى. بەزىلەر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت يەنە بىر قېتىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى تارقىتىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللايدۇ. لى كېچياڭ يەنە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاغان جۇڭگولۇقلار ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بايرام، سىلەر سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاندا ئۆيدىكىلەرنى بەك سېغىنىسىلەر، ئۆيگە قايتقاندا ئۆيدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزىسىلەر، سىلەرنىڭ جەم بولۇپ چاغان ئۆتكۈزۈشىڭلارنى تىلەيمەن. دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدە مىليونلىغان دېھقان ئىشلەمچىنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بۇ ناھىيە مىنچىن ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ بېيىشى خەلققە باغلىق، خەلقنىڭ بېيىشى تىرىشچانلىققا باغلىق، خەلقنىڭ ئەمگەكچانلىقى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىنىڭ پۇختا ئاساسى. كۆپچىلىك داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلىسە، ھەر يىلى يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ.

  لى كېچياڭ جىنچۈەن گۇرۇھىدا ئىش ئورنىدىكى ئىشچىلاردىن ھال سورىدى، كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كارخانا مەسئۇللىرىغا مۇنداق تاپىلىدى: سىلەر رەڭلىك مېتال باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن تىرىشىپ مۇقىم، كۆپ ھوسۇل ئېلىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن مۇقىم تەمىنلەش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشۇڭلار كېرەك. دۆلەتنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشۇڭلار كېرەك.

  لى كېچياڭ گەنسۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، گەنسۇنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ