شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا سەنشىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

​پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2022.01.29 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىنفېن شەھىرى فېنشى ناھىيەسىنىڭ سېڭنيەن بازىرى دۇەنسۈن كەنتى مەدەنىيەت مەيدانىدا، يۇرتداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنشى رۇيگۇاڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مەيدانىدا كۆمۈر ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، يولۋاس يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا، ھاۋا رايىنىڭ ئوبدان بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا، گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

  1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن ۋۇ ۋە ئۆلكە باشلىقى لەن فوئەننىڭ ھەمراھلىقىدا لىنفېن، جىنجۇڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزىلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى، كارخانىلار قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

  1- ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يېغىۋاتقان قارغا قارىماي لىنفېن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، سەنشىدە ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك كۈزلۈك كەلكۈن كۆرۈلۈپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 11 شەھەر ئاپەتكە ئۇچرىدى. خوجوۋ شەھىرىنىڭ شىجۇاڭ يېزىسى فېڭنەنيۈەن كەنتى لىنفېن شەھىرى بويىچە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بىرقەدەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان كەنتلەرنىڭ بىرى ئىدى، شى جىنپىڭ ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ سەنشىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، كۈزلۈك، قىشلىق تولۇقلاپ تېرىش، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىسى شى خۇڭبىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ يوقلىدى.

  شى خۇڭبىڭ ئائىلىسىنىڭ تۆت گەمە ئۆيى بۇلتۇر قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن ئىككى ئېغىز قۇراشتۇرما ئۆي سالدى، نۆۋەتتە، ئائىلىسىدىكىلەر كۆچۈپ كىردى. شى جىنپىڭ ھويلا - ئاران، ئۆيلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. شى خۇڭبىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ باھار بايرىمىلىق موما سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، خېمىرنى چىلان چېچىكى شەكلىدە يىمىردى ھەم خېمىرنىڭ ئۈستىگە چىلان قويدى. خۇشال كۈلكە ساداسى ئىچىدە، باھار بايرىمىلىق مومىلار بىر - بىرلەپ تەييار بولدى، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال كەيپىيات نامايان بولدى.

  شى جىنپىڭ شى خۇڭبىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ قايتا سالغان ئۆيىنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى، باھار بايرىمىلىق ماللارنى تولۇق سېتىۋالغان - سېتىۋالمىغانلىقىنى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سەمىمىي سورىدى. شى خۇڭبىڭ باش شۇجىغا: بۇ ئۆي ھەم پۇختا، ھەم ئىسسىق، بىر ئائىلە كىشىلىرى باھار بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، دېدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنى ئىزچىل قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم، بۈگۈن سەنشىگە كېلىپلا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بىرىنچى بېكەتتىلا بۇ يەرگە كەلدىم. كەنت قىياپىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، قايتا سېلىنغان، رېمونت قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەر، ئىسسىق ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ باھار بايرىمىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭمۇ تولۇق تەييارلانغانلىقىنى، ئېتىزلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بولسا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت داۋاملىق ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  كەنتتىن ئايرىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يولۋاستەك تېتىك، جۇشقۇن غەيرىتى بىلەن كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ فېنشى ناھىيەسىنىڭ سېڭنيەن بازىرى دۇەنسۈن كەنتىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنت كادىرلىرى شى جىنپىڭغا ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەتچان ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى. كەنت ئاھالىسى سەي ۋېنمىڭنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئاشخانا، ياتاق ئۆي ۋە قوي قوتىنىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئائىلە كىرىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي سورىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە قوي بېقىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئاممىسىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى قەتئىي ئىنتىلىشى، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

  كەنت مەدەنىيەت مەيدانى ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى ھەيۋەت بىلەن داقا - دۇمباق چېلىپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلەۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كىشىلەر خۇشال ھالدا تەنتەنە قىلدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، مۇلازىمەت قىلىشتۇر. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردۇق، ھازىر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق. زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئاممىنى بارغانسېرى ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جىنجۇڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، يىڭشۈنمېن دەرۋازىسىدىن شەھەرگە پىيادە كىرىپ، سېپىلغا چىقىپ شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى، ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پىڭياۋ ناھىيە يامۇلىنىڭ كونا ئورنىغا كېلىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى يۈكلەنگەن، بۇ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلارغا مەنسۇپ. تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قوغداپ، ساياھەت تەرەققىياتى، خاس تىجارەت، قەدىمىي شەھەرنى قوغداشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئالدىنقىلار بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  پىڭياۋ سەنشىلىك سودىگەرلەر بارلىققا كەلگەن جاي، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، رىشېڭچاڭ چەكخانىسى دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچقان. رىشېڭچاڭ چەكخانىسى مۇزېيىدا، شى جىنپىڭ سەنشىلىك سودىگەرلەر مەدەنىيىتى ۋە سەنشىلىك سودىگەرلەر روھىنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سەنشىلىك سودىگەرلەر مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  قەدىمىي شەھەرنىڭ جەنۇبىي چوڭ كوچىسى قويۇق باھار بايرىمى تۈسىگە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ كوچا بويلاپ قەدىمىي شەھەرنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، پىڭياۋ كالا گۆشى دۇكىنى، پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار دۇكىنى، دۇڭخۇ كونا ئاچچىقسۇ دۇكىنىغا كىرىپ، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە خاس تىجارەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى ھەم پىڭياۋ كالا گۆشى، جۇۋاۋا ئاچچىقسۈيى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق ماللارنى سېتىۋالدى، يەنە كونا ئاچچىقسۇنى ئېچىتىشقا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، پارقىرىتىپ سىرلانغان بۇيۇملار قاتارلىق مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كەسپىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. نەق مەيداندىكى ئامما بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، يەر شارىۋى يۇقۇم يەنىلا كېڭىيىۋاتىدۇ ھەم يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنىڭ تارقىلىشى تېز، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈزبېرىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەۋپ - خەتىرى چوڭ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، دەللىكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كېسەل كۆرسىتىش، تەمىنلەش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئاممىنىڭ ئىھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ قىش پەسىللىك توك بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ سەنشى رۇيگۇاڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كارخانا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش بويىچە ئۆزگەرتىش، ئېشىنچا ئىسسىقلىقتىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، كاربون Ⅳ ئوكسىدنى يىغىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. كارخانا ئىسسىقلىق ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلەشتۈرۈپ كونترول قىلىش ئۆيى، يېقىلغۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش - كونترول قىلىش مەركىزى، ماشىنا ئادەم ئاپتوماتىك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەق مەيداندىكى تېخنىكلاردىن كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئارقىدىن كارخانىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مەيدانىغا كىرىپ، قەدىمىنى توختىتىپ كۆمۈر مەيدانىنىڭ كۆمۈر ساقلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سەنشى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە، ئېغىر خىمىيە سانائىتى بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى باشقىلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز جەزمەن قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ، ئالدىراپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ. جەزمەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، قەدەم - باسقۇچ، رىتىمنى ئىگىلەپ، ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ ئاندىن كونىنى قالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك. كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، گاز ئاز بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆمۈردىن كۆپ مەنبەلىك پايدىلىنىش، ئۇنىۋېرسال ساقلاش، توشۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش بويىچە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: توك بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، چوڭ كارخانىلار بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سەنشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، سەنشىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سەنشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ