مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇت بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2022.02.01 00:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇت بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ رۇتنىڭ يەنە بىر قېتىم گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىل ئىككى دۆلەت باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرغان جۇڭگو-چەت ئەل كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-گوللاندىيە كارخانىچىلار كومىتېتى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بېرىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پەن-تېخنىكا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، گوللاندىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رۇت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگو كەڭ ساھەلەردە ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. گوللاندىيە ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئايلانما ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئىككى دۆلەت ماھىرلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇم، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋاڭ يى، شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ