شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

2022.01.30 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، ئۇرۇش رايونىنىڭ چەت ئەلدىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى ۋە داۋالاش شۆبە ئەترىتى، تىك ئۇچار ئايروپىلان شۆبە ئەترىتىدىكىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلەشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى (بىرىكتۈرمە سۈرەت)

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى ـ زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

  باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ، پايتەخت بېيجىڭ بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ ۋاسىتىلىك فىلىمنى كۆرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ چەت ئەلدىكى تىنچلىق ساقلاش شۆبە ئەترىتى بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى، داۋالاش شۆبە ئەترىتى، تىك ئۇچار ئايروپىلان شۆبە ئەترىتىدىن كەلگەن يولداشلار رەتلىك تىزىلىپ، تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ ئۇلاردىن ھەم ئارمىيەمىزنىڭ چەت ئەلدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تىنچلىق ساقلاش بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كۈچىنى قوشۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپە رايونىنىڭ مۇھىتى مۇرەككەپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە ۋەزىپە تاماملاش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى تاماملاپ، ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى خۇشال، ئىناق، بىخەتەر باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ