يېقىندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دونېچىك رايونىدىكى مۇھىم بازا قىزىل ئارمىيە شەھىرى (ئۇكرائىنا تەرەپ پوكروۋسك دەپ ئاتايدۇ) يۆنىلىشىدە كەسكىن تالىشىشنى قانات يايدۇردى. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ يۆنىلىشتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە زەربە بەردى، دېدى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسم باش ئىشتابى شۇ كۈنى تەدبىر قوللىنىپ بۇ يۆنىلىشكە سىڭىپ كىرمەكچى بولغان رۇسىيە ئارمىيەسى زەربىدارلار ئەترىتىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.