
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى يولداش رېن جيەنشىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يىغىندىن بۇرۇن يولداش رېن جيەنشىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يولداش رېن جيەنشىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي-قانۇن سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ سۆھبەت يىغىنىدا يولداش رېن جيەنشىننىڭ شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىدىن، ئۆمۈر بويى سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتەك قەتئىي ئىنتىلىشىدىن، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتىدىن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، پاك-دۇرۇس بولۇشتەك مەنىۋى مەنزىلىدىن ئۆگىنىپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ