مۇخبىرىمىز جياڭ شۆجيې
فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دۇڭشەن ناھىيەسى ئاۋجياۋ كەنتىنىڭ ئۈچ تەرىپى دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ.2001-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلگەن؛ ئارىدىن 23 يىل ئۆتۈپ يەنە كېلىپ، كەنتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى مەمنۇن بولدى، كۆپچىلىكنى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىش يولىدا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش»كە ئىلھاملاندۇردى.
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»
ۋاقىتنى ئەسلىسەك، ئورتاق بېيىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ياد ئېتىپ تۇردى.
يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا «ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش»، «پەرقنى كىچىكلىتىش»نى تىلغا ئالاتتى؛
18-نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: « ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش»؛
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك»؛
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى كۈچەپ ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك »؛
…………
«ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنى نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر؟ باش شۇجى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئېچىپ بەردى: «پۈتۈن پارتىيە جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، نېمە ئۈچۈن دېگەن مەسىلە بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىنتاش.» خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى.»
ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان قىممەت ئىنتىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى.
«ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش»نى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ باش شۇجىنىڭ سۆزىدە تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى: «شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى، رايونلارنىڭ پەرقى، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىش كېرەك».
ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. كەڭ يېزا رايونلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك»، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك»، «كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك»...
شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ مۇھىم سىرى يۇغۇرما تەرەققىياتتا. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى «قارار»ىدا: «شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى تۇتتى...پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى.
رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق بېيىشتىكى مۇقەررەر يول. پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر قاتار رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار مۇھىم ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، ھەرقايسى رايونلار ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ زىچ باغلىنىپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندى.
2024 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چېگرا رايونلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.»»
«بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە چېگرا رايوندىكى بىر قىسىم مىللەتلەر رايونلىرىدا»، «كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپە»... باش شۇجى باشتىن-ئاخىر ياردەم بېرىش-يۆلەشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق رايونلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
1997-يىلى، «جۇڭگودىكى ئەڭ قاقاس جاي» بولغان نىڭشيا شىخەيگۇغا كەلگەندە، يولداش شى جىنپىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىشقا بەل باغلىدى، فۇجيەن-نىڭشيا ھەمكارلىقى چېچەكلەپ مېۋە بەردى. «شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلەپ پىلان تۈزگەن.