مۇھىم خەۋەرلەر

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2025.08.04 15:45 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز لى خې، سۈي سەن خەۋىرى

زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشىدۇر. بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز نەچچە يۈز مىڭ ئادەم، نەچچە مىليون ئادەم، نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھالبۇكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ زامانىۋىلىشىشىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى دەل «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش.»

«بارلىق جۇڭگو خەلقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بىرلىكتە ئاتلاندۇرايلى»، بۇ، خەلق داھىيسىنىڭ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىگە بەرگەن جاراڭلىق قەسىمى، شۇنداقلا 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت ئىنتىلىشى.

چوڭنىڭ چوڭغا تۇشلۇق قىيىنچىلىقى بار.

غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دۇنيادا پايدىلانغۇدەك ئۆرنىكى يوق، مىسلىسىز مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ، تەرەققىيات يولى ۋە ئالغا سىلجىتىش شەكلىمۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن دۇنيادا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىلياردقا يېتىدۇ. جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇشى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دۇنيا خەرىتىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ.

نوپۇس كۆلىمىنىڭ غايەت زور بولۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كېيىن پەيدا بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. نوپۇس كۆپ بولسا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ بېسىمى ئېشىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىل كاپالىتىگە كەسكىن بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. «ھەرقانچە چوڭ مۇۋەپپەقىيەتنى 1 مىليارد 400 مىليونغا بۆلسەك ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، ھەرقانچە كىچىك مەسىلىنىمۇ 1 مىليارد 400غا كۆپەيتىسەك ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.»

مەسىلىنى قانداق يېشىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:«مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش قىلىشتا باشتىن- ئاخىر دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشىمىز، قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغىمۇ ئېسىلىۋالماي، كونىلىققىمۇ يېپىشىۋالماي، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەش، سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئالدى بىلەن 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى تىلغا ئالايلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:«بىزدە يەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، لېكىن 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يەنىلا قىس بايلىق ھېسابلىنىدۇ! شەھەر قۇرۇش، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ھەممىسىگە يەر كېتىدۇ، شۇڭا ئىنچىكە ھېساب-كىتاب قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى رەتكە تۇرغۇزۇش شەرت.»

يەنە 160 مىڭ كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول تورىغا نەزەر سالايلى. بىزدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان «فۇشىڭ» ناملىق گاۋتىيې بار، يەنە بېلەت باھاسى تۆۋەن، ھەممە ۋوگزالدا توختايدىغان پاراۋانلىق خاراكتېردىكى «ئاستا پويىز»مۇ بار. غايەت زور نوپۇس ئاساسىي سانىنىڭ ئارقىسىدا، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى پەرقلىق مەنپەئەت ئىلتىماس-تەلىپى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«دۆلىتىمىزدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات سەۋىيەسىدە پەرق زور بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتنى ئويلىشىش كېرەك.»

چوڭنىڭ چوڭغا تۇشلۇق ئەۋزەللىكى بار.

تەمىنلەش جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدا 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەك كۈچى بار بولۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 200 مىليون كىشىدىن ئاشىدۇ؛ ئېھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى غايەت زور نوپۇس كۆلىمى غايەت زور نوپۇس پايدىسىنى يارىتىپ، ئەمگەك ۋە ئادەم كۈچى كاپىتالى كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازار ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈنسېرى ئۇرغۇتتى، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە بولۇش دۆلىتىمىزدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جەزمەن يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچكى جەھەتتە ئىمكانىيەتلىك ئايلىنالايدۇ ھەم ئايلىنىشى شەرت.» باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك»، «تەرەققىياتنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك»، «تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز شەرت.»

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدا تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەش، ياشانغانلار كۆپىيىش، رايونلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتەك يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك كۆرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى نوپۇس مۇھىتى ۋە شارائىتىغا دۇچ كەلدى.

«ساپاسى يۇقىرى، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى ئەلا، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى نوپۇس خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي پىكىر يولى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«بارلىق كىشىلەر توپىنى قاپلىغان ئۆمۈرلۈك نوپۇس مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىغا كىرگۈزۈلدى. «مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» قاتارلىق بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ