مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى يېقىندا چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.
سۈرەتتە: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ قاتتىق مۇقاۋىلىق ۋە ئاددىي مۇقاۋىلىق نۇسخىسى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى يېقىندا چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە، ئۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1 - تومىدىن 4 - تومىغىچە نەشر قىلىنىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 - تومى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش يېڭى ئەمەلىيىتى داۋامىدا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى چىقىش قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم دەۋر تېمىلىرىغا جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى قاتارلىقلاردىن 91 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 18 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، تەھرىرلىگەندە زۆرۈر ئىزاھات بېرىلدى. بۇ كىتابقا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سۈرەتلىرىدىن 41 پارچە كىرگۈزۈلدى.
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولغانلىقىدەك جانلىق ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەنگەن، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەقىل - پاراسىتى ۋە لايىھەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر.
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.