لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جانلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىستېمالنى كۈچلۈك جانلاندۇرۇپ، «ئىچكى بىنورمال رىقابەت»نى تۈگىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.
سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى سۈن چىشىن ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا رايون ھالقىغان ماسلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت - سودىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقىدار كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئامىلى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا بولغان ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پائال نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەنلىكىنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ماكرولۇق سىياسەت جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا كۈچ قوشۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سىجىل تۈردە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى نامايان قىلدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئىككى تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، زور سىياسەت - فاڭجېنى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىدىغان، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىدىغان، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىككىنچى، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى دەل جايىدا تاللاپ، تۈرلۈك بايلىق ۋە كەسپىي ئاقىللار ئامبىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ پىكىر - تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، فاڭ گۇاڭخۇا، جوۋ لىئەن قاتارلىقلار بار.