
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا خۇادۇڭ، خۇابېي، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە گېئوئاپەت يۈزبېرىپ، بېيجىڭ، خېبېي، جىلىن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئاپەت تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى كەسكىن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دەل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، مەھكەم ساقلاپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، تۇيۇقسىز جىددىي ئەھۋال يۈزبەرگەندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرىنچى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ شەھىرى مىيۈن رايونىدىكى قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. يېقىندا خۇابېينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا قارا يامغۇر ياغدى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئالاقىدار جايلارنىڭ قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ناچار ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، دەريا، سۇ ئامبىرى توسمىلىرىنى چارلاپ قوغداش، خەتەرنى تەكشۈرۈش ۋە شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەر ئىچىدە قالغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ