شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 10 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسىي قارالمىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن ئامىللار كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختا، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە يۈكسىلىشتەك تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولدى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پائال نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پائال راۋاجلاندى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى ۋە تۈگىتىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكى نامايان قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جانلىقلىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەت داۋاملىق كۈچەش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا كۈچ قوشۇش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ بولغان پۇل سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. پۇل سىياسىتىدە يۆتكىلىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەپ قوللاش كېرەك. ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىش كېرەك. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تاۋار ئىستېمالىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەريانىدا ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش كېرەك. «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار رىقابىتى تەرتىپىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەرتىپسىز رىقابىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تۈزەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىرقەدەر چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان تاشقى سودا كارخانىلىرىغا ياردەم بېرىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى پائال پۇختا تۈگىتىپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قاتتىق چەكلەپ، يەرلىكنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنى ئېنىقلاشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچى كاپىتال بازىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تومۇز ياز پەللىسىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كارخانىچىلار باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.