
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنيا ياشلار تىنچلىق يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە، مىسلىسىز جاپالىق، قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق فاشىزمنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىققا ئېرىشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تىنچلىقنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياش دوستلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇق ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە تىنچلىق ئىدىيەسىنىڭ تەشەببۇسچىسى، تىنچ تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت قىلغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنيا ياشلار تىنچلىق يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغدايلى» بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ