شى جىنپىڭ تور ئەھلىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى توپلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2025.08.06 14:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تور ئەھلىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسى پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرى، ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەمدە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. پائالىيەتتە تور ئەھلى بەرگەن جەمئىي 3 مىليون 113 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ