خەلق گېزىتى مۇخبىرى لى چاڭيۈ، لى جوئېر
دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ جۇغلىنىشىغا موھتاج، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ موھتاج.
«ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىز زېمىنىدا قەد كۆتۈرگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك.»
«جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت ئىككى قانات تەڭ پەرۋاز قىلىدىغان تەرەققىي قىلىش جەريانىدۇر.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆپ قېتىم چوڭقۇر ئىزاھلىدى.
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ماددىي جەھەتتە باياشات بولۇش، مەنىۋى جەھەتتە باي بولۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى. ماددىي نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مەنىۋى نامراتلىقمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.»
2023-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ سۇجوۋدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. يېڭى دەۋردىكى سۇجوۋ ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادتىن ئىبارەت بىر پارچە «قوش يۈزلۈك كەشتە»نى كەشتىلەپ چىققانىدى، بىر تەرەپتىن ئىقتىساد گۈللەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئادىمىيەت راۋاج تاپتى. باش شۇجى: «بۇ يەردە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ يۈكسىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىۋېتىپتۇ» دەپ ئالقىشلىدى.
مىڭ يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بىلەن زامانىۋى ئىقتىساد قانداق قىلىپ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ جاۋاب شۇكى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ ئاتا قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىشنى چوڭقۇر ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
2024-يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندىكى قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. نىرېنجاڭ قاتارلىق نۇرغۇن «كونا داڭلىق ماركىلار» بۇ يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق مەدەنىيەت تومۇرى بۇ شەھەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. باش شۇجى بۇ يەردە مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ». بۇ يىل 5-ئايدا خېنەن لوياڭدىكى لۇڭمېن تاش غارىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۇ گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى تارقىتىش كېرەك.»
ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلغان.
مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم تىرەك.
2023-يىل 6-ئايدا، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش-تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى تارىخ ياراتقانلىق تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىقتۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى فورماتسىيەسىنى ياراتقانلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتتۇر.»
يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئېچىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول.
باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ ۋۇيىشەن تېغىدىكى جۇشىيۈەن باغچىسىدە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بەش مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بولمىغان بولسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىغان بولسا، نەدىمۇ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بولسۇن؟
تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدىن كەلگەن چوڭقۇر تەپەككۇر شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملىنىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇلۇغ دەۋر روھىغا سىڭگەچكە، تېخىمۇ قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە بولدى.
ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.
ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ قەددىنى رۇسلىدى.
ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. 2024-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى قەھرىمان نەمۇنىچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.»
دەۋر روھى ياشلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا موھتاج. بېيجىڭ داشۆسىنىڭ قورۇسىدا، باش شۇجى ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇشنى، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل ۋە قانۇنچىل بولۇشنى، ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپ سۆيەر، سەمىمىي ۋە دوستانە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»
«دەۋر نەمۇنىچىلىرى»، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» يۇلتۇزلاردەك چاقنىدى، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىدۇ. مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ «چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس» ياخشى ئۆتۈلۈپ، توردا ئاكتىپ كۈچ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، پاك ئىستىل، توغرا كەيپىيات داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇلدى. جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.
دۇنياغا بويۇننى سوزۇپ قاراشتىن دۇنياغا ئۇدۇل قاراشقىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە غەيرىتى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى. بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھىنى ئۇرغۇتتى.
بۇ يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
» بىز خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئاشلىق سېڭى تولۇق، كىيىم-كېچىكى پۈتۈن، يېمەك-ئىچمىكى يېتەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز ھەم ھەممە ئادەمنى قائىدە-يوسۇننى بىلىدىغان، شەرەپ-نومۇسنى بىلىدىغان قىلىمىز.» بۇ خەلق ئىنتىلىدىغان گۈزەل تۇرمۇش، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.