شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى پودېل بىلەن جۇڭگو - نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.08.04 15:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى پودېل بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو، نېپال ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتىئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئارا دوستانە بىللە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل كۈچەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭەيدى، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

پودېل مۇنداق بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتتى. جۇڭگو نېپالنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان قوشنىسى ۋە تەرەققىيات ھەمراھى. نېپال تەرەپ جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان نېپالنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا، نېپالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئوللى مۇنداق بىلدۈردى: نېپال، جۇڭگو ئىككى دۆلەت تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نېپالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە قايىل. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، نېپال تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ