تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېرلىكايا 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بالىكېئېشىر ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6.1 بال يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم قازا قىلدى، 29 ئادەم يارىلاندى.
يېرلىكايا شۇ كۈنى بالكېئېشىر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 81 ياشلىق بىر بوۋاي قازا قىلدى، يەنە 29 كىشى يەر تەۋرەشتە يارىلاندى، يارىدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.