
چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇگۇاڭتېي شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى «دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ دۈشمەنلىك تەھدىتىگە ئۇچراشتىن ساقلاش چاۋشيەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق بۇرچى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن كورېيە پات ئارىدا ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۇگۇاڭتيې مۇنداق بىلدۈرگەن: ئامېرىكا بىلەن كورېيە چاۋشيەنگە قارىتىلغان ھەربىي قارشىلىشىش مەيدانىنى قىلچە يوشۇرمىدى، بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە رايوننىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇھىتىغا يەنە بىر قېتىم ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى. چاۋشيەن تەرەپ ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ئالاقىدار ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي ئاقىۋىتىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ