
يېقىندا، كامبودژانىڭ فىنوم پېن، گەنلا ئۆلكىسىدە جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېتىشلىق ئىككى قاتىللىق دېلوسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈز بەردى. جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەرھال كامبودژا تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، كامبودژا ساقچىلىرىنى دېلونى تېزدىن پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، قاتىلنى قاتتىق جازالاپ، كامبودژادىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشقا دەۋەت قىلدى. كامبودژا ساقچىلىرى گەنلا ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا چېتىشلىق دېلودىكى بىرقانچە جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ئالاقىدار دېلو رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىلىۋاتىدۇ، قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ