مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

ئىككى ئورۇن، بەش شەخسكە تۆھپە يېزىلدى

2025.08.04 15:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى، ئىككى ئورۇن، بەش شەخسكە تۆھپە يېزىلدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 63920 - قىسىم 2 - ئىشخانىسىغا 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 92853 - قىسىمدىكى دىڭ ياڭغا دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 96712 - قىسىمغا 2 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

ئەسلىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرونېۋىك قىسىم شۆيۈەنىدىن ۋاڭ خەيدوۋ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىدىن گاۋ يۈچى، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسىدىن ياڭ زىچۇن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات ئورنىدىن چېن ۋېي قاتارلىقلارغا ئايرىم - ئايرىم دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى بويىچە 3 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ