شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خارۋارد داشۆسىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ۋە پىروفېسسورلار ۋىزا تۈرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىيو شۇ كۈنى خارۋارد داشۆسىنىڭ مۇدىرىغا خەت يېزىپ، بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. روبىيو خېتىدە ھېچقانداق كونكرېت نامۇۋاپىق قىلمىش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى تىلغا ئالمىغان، بەلكى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى «گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە دىققەت خارۋارد داشۆسى قاتناشقان «زىيارەتچى تەتقىقاتچىلار تۈرى»گە مەركەزلەشكەن. بۇ تۈردە ئوقۇغۇچىلار، پىروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار، پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ۋىزا بېرىش ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خارۋارد داشۆسىگە قارىتا ۋىزا تۈرىنىڭ بەلگىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى