25 - قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2025.07.23 14:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس كوستا ۋە رەئىس ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشىدۇ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى رەئىسى بىلەن بىرلىكتە 25 - قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ