مۇخبىرلىرىمىز دۇ شاڭزې، ياڭ شۈ خەۋىرى
ۋاقىت: 2025-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
كۈنتەرتىپ: مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، ۋاقىت جۇغلانمىسىنىڭ تارىخىي يېڭى ئورنى بېكىتىلدى :
«دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىشى تېز سۈرئەتتە ئېشىش مەزگىلىدىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە ئۆتمەكتە، شەھەر تەرەققىياتى زور كۆلەملىك ئاشۇرما مىقدارنى كېڭەيتىش باسقۇچىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە.»
«گۈللىنىش ياكى خارابلىشىش داۋلىسىنى كۆزەتكەندە، ۋەزىيەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇلارنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.
زامانىۋى خەلق شەھىرى قۇرۇشتا، «شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلدى، ھەم دىيالېكتىكىلىق تەدبىر قوللاندى:«غەربتىكى دۆلەتلەر سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى نەچچە يۈز يىل باستى، لېكىن بىز بۇنىڭغا پەقەت نەچچە ئون يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدۇق. چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، بىزنىڭ سانائەتلەشتۈرۈشىمىزدە كەمتۈكلۈكلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بۇلارنى ۋاقىت سەرپ قىلىپ تولۇقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شەھەر-بازارلاشتۇرۇشمۇ شۇنداق، يۈز-ئابرۇينى لازىم قىلمىساق مەيلىكى، ئىچكى ماھىيەتنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ، ئىشنى پۈتكۈزۈشكىلا ئالدىرايدىغان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. بەزى ئىشلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش، بەزى ئىشلاردا بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»
(1) يېتەرلىك تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاش
1مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشتۇر.
يىغىندا، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ:«شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
يېڭى يول «يىرىك كېڭىيىش، ئادەم بىلەن يەر ئارىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈش، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»تەك كونا يولغا ماس كېلىدۇ. شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، قايسى ئىشلاردا بوشاشماي كۈرەش قىلىش، قايسى ئىشلارغا تەخىرسىز قاراش كېرەك؟
«مەن تارىخنى تەتقىق قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تارىخقا، بولۇپمۇ جۇڭگو تارىخىغا پىششىق بولمىساق، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى ئىگىلەيدىغان ۋە نىشانىمىزنى بېكىتىدىغان بىر خىل تارىخىي تۇيغۇغا ئىگە بولمىساق، بۈگۈنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلمەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراش تارىخىي تۇيغۇنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تارىخىي تۇيغۇ شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۆرۈش نۇقتىسى.
زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، شەھەرلەرنىڭ سالمىقى ئېشىپ، يېزىلارنىڭ سالمىقى تۆۋەنلىدى. لېكىن سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا-كەنتلەر يوقىلىپ كەتمەيدۇ. باش شۇجى بۇرۇنلا مۇنداق تەھلىل قىلغانىدى:«بىر تەرەپتە گۈللەنگەن شەھەر، يەنە بىر تەرەپتە خارابلاشقان يېزا تۇرسا، بۇنداق زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ!»
يىغىندا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم دىيالېكتىكىلىق نەزەر بىلەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ»، «ھازىر شەھەر-يېزا نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىشى يەنىلا پەسىل قۇشى تىپىدىكى يۆتكىلىش بولۇۋاتىدۇ». «شەھەر ئاھالىسى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭ ئايلىنىش سىياسەتتە ئىپادىلىنىشى كېرەك.» دەل مۇشۇ ھۆكۈم ئاساسىدا، مەركەز «شەھەرگە كىرگەن پۇقرالار يېزا مەسئۇلىيەت ئېتىزى ۋە ئۆيلۈك يېرىدىن ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە چېكىنىپ چىقسا بولىدۇ، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ» دېگەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى چىقاردى. «بۇ جەرياندا يېتەرلىك تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاش كېرەك.»
مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغان بىر قەتئىي پىرىنسىپ.
فۇجوۋ شەھىرى رۇڭچېڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا، فۇجوۋنىڭ ئايماق باشلىقى جاڭ بويۈ «توقۇمچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ياۋا ئەنجۈر ئۆستۈرۈشى»نى تەشەببۇس قىلغان، كۆپ يىللاردىن كېيىن پۈتۈن شەھەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، تومۇز ئىسسىقتا يوللار ئاپتاپتا قىزىپ كەتمەيدىغان بولغان. «مەن فۇجيەن فۇجوۋدىكى ۋاقتىمدىلا، كۆچەتنى كۆپ تىكىش، ئوت-چۆپنى ئاز تېرىش، پۇقرالارنى ئاپتاپتا قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلغانىدىم.»
مەدەنىيەت شەھەرنىڭ جېنى. نېمىنى قوللاش، نېمىگە قارشى تۇرۇشتا پوزىتسىيەمىز ئېنىق بولۇشى كېرەك:«دەل-دەرەخلەرنى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈش، كېسىش، مەدەنىيەت يەر بەلگىلىرىنى قالايمىقان سېلىش، كونا يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش ئىشلارنى ئەمدى قەتئىي قىلىشقا بولمايدۇ.»
«شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش» شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر يول.
ئالدىنقى قېتىملىق مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى «ئىچكى ئامىل» دېگەن سۆزنى كۆرسىتىپ:«شەھەر تەرەققىياتىنى تاشقى ئامىللىق كېڭىيىشتىن ئىچكى ئامىللىق ئېشىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. «كىشىلەر توپىغا ۋە يايمىلارغا تايىنىپ زامانىۋى شەھەر توپىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.» بۇ، سىرتتىن ئىچىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتىكى چوڭقۇر ئويلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
يىغىندا، «بەشنى ئۆزگەرتىش»، يەنى شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، شەكلى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا «يوشۇرۇن نەتىجە»نى تاللاش كېرەكمۇ ياكى «ئاشكارا نەتىجە»نى تاللاش كېرەكمۇ؟
«رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشىغا، يەڭگىلتەكلىك كەيپىياتىنى يېڭىشىگە، شەخسىي غەرەزدىن ۋاز كېچىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:«ئادەتتىكى باھالاشتا GDP نىڭ قانچىلىك ئاشقانلىقى، قانچە چوڭ تۈرنىڭ تاماملانغانلىقىغا قاراپ تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، يەنە قانچىلىك قەرزگە بوغۇلغانلىقىغىمۇ قاراش كېرەك. بەزىلەرنىڭ داقا-دۇمباق چېلىپ گۈل تارقىتىشىغا، مەسىلىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.»
(2) زامانىۋى خەلق شەھىرى قۇرۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، «ئىجادىي بولۇش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش، گۈزەل بولۇش، ئېلاستىكلىق بولۇش، مەدەنىي بولۇش، ئاقىل بولۇش»تىن ئىبارەت زامانىۋى خەلق شەھىرى قۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى.
يىغىندا «بىرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالتە قۇرۇلۇش»تىن ئىبارەت شەھەر خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھالبۇكى «ئالتە قۇرۇلۇش» ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇش نىشانىدىكى «ھاياتىي كۈچكە باي بولۇش»، «راھەت، قولايلىق بولۇش»، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش»، «بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇش»، «ئەخلاقنى ئۇلۇغلايدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان بولۇش»، «قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش»تىن ئىبارەت ئالتە سۆزگە ماس كېلىدۇ، بۇنىڭ سۇبيېكىتى شەھەر، مەقسىتى ئادەمدۇر.
بۇمۇ خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
10يىل ئىلگىرىكى مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، «خەلقنىڭ شەھىرى خەلق ئۈچۈن» دېگەن مۇھىم ئىدىيە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەركىبىگە قوشۇلدى.
بۇ يىللاردا، باش شۇجى نۇرغۇن شەھەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش»تىن ئىبارەت تۇتاش كەتكەن ئېكولوگىيە يېشىللىق يولىنى ئىزاھلىدى، «كەشتە تىكىش» ماھارىتى ئىشقا سېلىنغان مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىللىقلىققا تولدى...ھەر بىر يولغا ئوخشاش بولمىغان پىكىر يۈرگۈزۈلدى.
«كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەش»، 690 دىن ئارتۇق شەھەر، 940 مىليون شەھەر-بازاردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس شەھەرنىڭ ئورگانىك ھاياتلىق گەۋدىسىدە ئادەم باش رولچى، يادرو ھەېسابلىنىدۇ. ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتىدۇر. قۇرۇلۇش نىشانى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە جانلىق ئۇيغۇن كېلىدۇ.
شەھەر خىزمىتىگە «ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش»تىن ئىبارەت دىيالېكتىكا مۇجەسسەملەنگەن :
ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىش، تاماق ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى قاتارلىق كىچىك ئىشلارنىمۇ «سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بىردەم چىڭ تۇتۇپ، بىردەم بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىغا مۇنداق دېدى:«ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشنى ھەرقايسى جايلار قانداق داۋاملاشتۇردى؟»، «ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى جەزمەن دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك»، «ئىستېمال بىلەن ئىسراپچىلىقنى تەڭ ئورۇنغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ»، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
«بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن ھالەتنى قەتئىي ئۈزۈلدۈرمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، ئەمما نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ھەرگىزمۇ ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس. «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئورتاق قىممەت قارىشى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ھازىرمۇ ئاممىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ»، «خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاشمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى.»
«شەھەر خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن-ئىشلەنمىگەنلىكى»گە باھا بېرىشتە، ئالتۇن لوڭقا، كۈمۈش لوڭقىغا ئېرىشىش ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنگە يەتمەيدۇ. « ئىلگىرى GDP ئارقىلىق قابىللىققا باھا بېرىپ، باشقا ئىشلارغا سەل قارىغان، بىر نەتىجە بىلەن يۈز سەتچىلىكنى يوشۇرغانىدۇق. ھازىر نۇرغۇن ئىشلاردا بىر سەتچىلىكنى يۈز نەتىجە بىلەنمۇ يوشۇرغىلى بولمايدۇ، بىر ئىشنى بۇزۇپ قويساق، ئىناۋىتىمىز، ئوبرازىمىز ۋە نام-ئابرۇيىمىز شۇ ھامان چۈشۈپ كېتىدۇ. پۇقرالارنىڭ تەسىراتى قايسى جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، كۆپچىلىك شۇنىڭغا چوقۇم سەل قارىماسلىقى كېرەك. كىچىككىنە ناھىيە ئەمەلدارى بولغانلارمۇ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.»
( 3 ) يەرگە چۈشكەن ئەكس سادانى ئاڭلىيالايدىغان بولۇش
«ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بار بولدى، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرغان بولدى». سۆزنى جەزمەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى روشەن ئۇسلۇبى.
يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشنى دېدىم، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەسىرىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زادى قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىشىم كېرەك».»
بۇ ئەكس سادانىڭ ئارقىسىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر تومۇرداش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت بار.
ئالدىنقى قېتىملىق مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىرگە ھۆرمەت قىلىش، بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك.»
ئىككى قېتىملىق يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىلدى: «ھاياتىي كۈچكە باي يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىنى كۈچەپ قۇرۇش» «يېڭىلىق يارىتىشنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش»نىڭ ھالقىشى؛ «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۈزەل شەھەرنى كۈچەپ قۇرۇش» «گۈزەل تاغ، سۈزۈك سۇ، گۈزەل مەنزىرىنى شەھەرگە سىڭدۈرۈش» ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى...
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىلىق يارىتىشچان شەھەرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى «يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش»نىڭ جانلىق ئىزاھاتى؛يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش تەلىپى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى...شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى يورۇتتى.
ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئەكس سادا پەيدا بولىدۇ، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىلى «جېجياڭ ھەققىدە يېڭى بايانلار»دا يازغان «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش خۇددى مىخ قاققانغا ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش، ھەر خىل يوللار بىلەن ئوخشاش بولدى.
ئەكس سادادا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىسلاھات جاسارىتى بار ئىدى.
جېجياڭدا خىزمەت قىلغان چاغدىكى «كىيىم ئالماشتۇرۇش»نى مىسال قىلىش ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. يولداش شى جىنپىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ توسالغۇسىغا ماسلىشالماسلىقىنى «تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا بىر قۇر چوڭ كىيىم كىيگۈزۈش كېرەك» دەپ سۈپەتلىدى. 2006-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇغا قارىتا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھوقۇقنى كېڭەيتىشنى يولغا قويدى؛ 2019-يىلى لۇڭگاڭ بازارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلدى.
بۈگۈنكى شەھەر خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە تۇرماقتا. يىغىندا، باش شۇجى جېجياڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىلھامىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي كۆلىمى چوڭ، نوپۇسنىڭ ئېشىشى تېز بولغان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ۋە ئالاھىدە چوڭ بازارلارغا قارىتا، ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ كېڭەيتىش كېرەك.»
ئەكس سادادا ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى بار.
بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پەۋقۇلئاددە زور شەھەر ئىدارە قىلىش سۈپىتىدە ئىزدىنىش تەدبىرى پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باشلانغان.
«< چوڭ شەھەر كېسىلى > كۆرۈنەرلىك پەسەيدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا نەتىجىلەرنى سۆزلىدى: «ئىلگىرى چەت ئەل ئاممىۋى پىكرىدە ئۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلاتتى.» پەقەت ئون يىللا ئۆتۈپ كەتتى، بېيجىڭ < چوڭ شەھەر كېسىلى > نى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مىقدارنى ئازايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرگە ئايلاندى.»
«كىشىلەر ئەڭ تەرىپلەيدىغىنى ھاۋا سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، كۆك ئاسماننىڭ نورمال ھالەتكە ئايلانغانلىقى.» مەن بېيجىڭ APEC يىغىنىدا پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان <APEC دىكى كۆك > ۋەدىگە ۋاپا قىلماي، ئەمەلگە ئاشتى. «ۋەدە بەرگەنلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك، تاغ ئېگىز، يول يىراق بولسىمۇ، بوران-چاپقۇندىن قورقمايمىز.»
ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش. « شەھەر-بازارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش تەرتىپلىك تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشىدىغان جەريان بولۇپ، جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.»
«تۈرنى ئوتتۇرىغا قويۇشت بىرنەچچە خىل بولىدۇ: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، ھېسابلاش ئىقتىدارى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرامدۇ؟ »«باش شۇجى شى جىنپىڭ < قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىش > نۇقتىسىدىن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزىتىپ، تەرەققىياتنىڭ تۈگۈنىنى كۆرسىتىپ بەردى: < شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەيدىسىگە، پېشانىسىگە، ساغرىسىغا شاپىلاقلاپ ئىش قىلىدىغان < ئۈچ شاپىلاقلايدىغان > كادىرلارنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.»
بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارغا يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ئەكس ساداسى مۇجەسسەملەندى :
شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى % 53.1 تىن 2024-يىلىدىكى % 67 كە ئۆرلىدى؛
شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ يۈرۈشۈش مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى بىردەك % 100 كە يېقىنلاشتى، پار بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى شەھەرلەرنى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 90 تىن ئاشتى؛
تۈرلۈك كاپالەتلىك ئۆي ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى 6 مىليون 800 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك سېلىنىپ، 170 مىليون ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛
2024-يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى PM 2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 2013-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن % 60 تۆۋەنلىدى، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى % 99 تىن ئاشتى...
بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالامدۇ؟ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە شەھەر تەرەققىياتنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى، زامانىۋىلاشقان شەھەرلەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى تەرەققىي قىلىپ زورايدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قەد كۆتۈردى...
پۈتۈن دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو دۇنيا شەھەرلەر تەرەققىيات تارىخىغا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك بايانى يۈز مىليونلىغان خەلق ئورتاق قەلەم تەۋرەتكەن ھەيۋەتلىك، گۈزەل تارىخىي داستاندۇر.