شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ توغرىسىدا» «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» «يېقىن كۆرۈنۈشلەر . ئىللىق دەقىقىلەر» ناملىق كىتابلىرىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى يېقىندا بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ئېچىلغان تۇنجى كۈندە يېڭى كىتابلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتابقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىلىرىدىن 47 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن. «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»دا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق. «يېقىن كۆرۈنۈشلەر . ئىللىق دەقىقىلەر»دە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ ناملىق يۈرۈشلۈك يۇغۇرما خەۋەرلىرى ئاساس قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قالتىس دەقىقىلەردىكى سۈرەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ سۈرەت ئارقىسىدىكى ئىللىق ھېكايە جانلىق بايان قىلىنغان.
ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق چۈشىنىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش، شياڭگاڭدىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان ئاپپاراتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ئۇيۇشما ۋەكىللىرى، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، شياڭگاڭدىكى ياشلار ۋەكىللىرى يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شياڭگاڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ جۇڭگو كارخانىلىرى جەمئىيىتى، شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شياڭگاڭ ئەزالىرى باش جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەدىيە قىلىنغان كىتابلارنى قوبۇل قىلدى. ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى بۈگۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك سېلىنىدۇ ھەم نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ.