جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماداغاسقار كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى راۋالومانانا بىلەن كۆرۈشتى

2025.07.23 14:49 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ماداغاسقار كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى راۋالومانانا بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ماداغاسقارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راجولىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو تەرەپ ماداغاسقار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۈتۈن كىلىماتلىق جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ماداغاسقارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

راۋالومانانا مۇنداق بىلدۈردى: ماداغاسقار بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىغا ئورنىتىلغان. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ماداغاسقار بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ماداغاسقار كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ماداغاسقار زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداش، ھەقىقىي دوستلاردىن. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ راجولىنا بىلەن جۇڭگو-ماداغاسقار ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئورتاق قارار قىلىپ، جۇڭگو-ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ ماداغاسقار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ماداغاسقار كېڭەش پالاتاسى بىلەن دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ماداغاسقار ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

راۋالومانانا جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ماداغاسقارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ماداغاسقار تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ماداغاسقار بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماداغاسقار كېڭەش پالاتاسى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماداغاسقار-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مۇ خۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ