
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىگېرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇخارىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نىگېرىيە زۇڭتۇڭى تىنۇبۇغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، بۇخارىنىڭ تۇغقانلىرىدىن، نىگېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سابىق زۇڭتۇڭ بۇخارى نىگېرىيەنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولۇپ، نىگېرىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپىلەرنى قوشقان، خەلقئارا جەمئىيەتتە زور ئىناۋىتى بار. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - نىگېرىيە دوستلۇقى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى نىگېرىيە خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نىگېرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ