شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى، «تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى، 2025-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«نىزام»دا تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە پائالىيىتىدىكى توختاملاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ قوللىنىشتەك تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش مەقسەت قىلىنغان. «نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 50 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن.
بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازارنى يېتەكچى قىلىش بىلەن ھۆكۈمەت يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجارە ئۆي تەمىناتىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، بازارلاشقان، كەسىپلەشكەن تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئىككىنچى، ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىگە ئېلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىجارىگە بېرىلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزۈشكە، غەيرىي تۇرالغۇ بوشلۇقىنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛ ئىجارە بەرگۈچى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە توختامى، شۇنىڭدەك ئىجارە بەرگۈچى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئىمزالىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۈچىنچى، تۇرالغۇ ئىجارە كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. تۇرالغۇ ئىجارە كارخانىلىرى ھەقىقىي، توغرا، مۇكەممەل بولغان ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى؛ قايتا ئىجارە بېرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ھېساباتى تەسىس قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
تۆتىنچى، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، تۇرالغۇ ھوقۇق تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇشى ھەمدە خاتىرىلىشى، ئۆي مەنبەسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى ھەمدە تۇرالغۇ ئەھۋالى چۈشەندۈرۈشىنى تۈزۈشى؛ ھەق ئېلىنىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرىگە ئېنىق باھا قويۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
بەشىنچى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققىنى كۆزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىجارە ھەققى سەۋىيەسى ئۇچۇرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ساھە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىناۋەت ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىرى قاتارلىقلارنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى؛ ساھە تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئالتىنچى، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىجارە بەرگۈچى، ئىجارە ئالغۇچى، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە كارخانىسى، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى-خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاتتىق قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەندى.