شى جىنپىڭ ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن جۇڭگو - ماۋرىتانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

​لى چياڭ ماۋرىتانىيە زۇڭلىسى ئايجاي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.07.21 14:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مول نەتىجىلىك بولدى. بۇلتۇر جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ غازۋانى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. مەن جۇڭگو - ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ غازۋانى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ماۋرىتانىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

غازۋانى مۇنداق بىلدۈردى: 60 يىلدىن بۇيان، ماۋرىتانىيە ۋە جۇڭگو مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتتى، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە بويىچە زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا سورۇنلاردا بىر - بىرىنى قوللىدى. 2024 - يىلى 9 - ئايدىكى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈلگە دەپ قارالغان ماۋرىتانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدۇق. بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي كارتىنىسى بولۇپ، دوستانە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بىلەن ماۋرىتانىيە زۇڭلىسى ئايجاي ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو، ماۋرىتانىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ غازۋانى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ماۋرىتانىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

ئايجاي مۇنداق بىلدۈردى: ماۋرىتانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، زۇڭتۇڭ غازۋانى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشىدا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماۋرىتانىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ