مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى قوغلاپ چىقىرىلدى!

2025.07.24 15:58 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا، ئوممان قولتۇقى ئەتراپىدا قاتناۋاتقان ئامېرىكىنىڭ فىتزگېرالد ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشماقچى بولغان. ئىران دېڭىز ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ بۇ پاراخوتقا قوغلاپ چىقىرىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.

ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، ئىراننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى نىشانلايمىز دەپ تەھدىت سالغان ھەمدە تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئىراننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى داۋاملىق ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ھەمدە ئۇنى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەسلىككە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا، ئىران ھەربىي تەرەپ ھەرىكەت قوللىنىپ، مۇنداق ئېنىق ئۇچۇر بەرگەن: بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ ھەمدە ئامېرىكا پاراخوتىدىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتى ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ نازارىتى ئاستىدا بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىن چېكىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ