مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2025.07.23 14:59 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى تامى برۇس 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۈچىنچى قېتىم جاكارلىشى.

برۇس ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشىدىكى سەۋەب مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرلىك جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ».

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن ئىككى قېتىم چېكىنىپ چىققان. 1984-يىلى، ئامېرىكا مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا چىرىكلىك ۋە باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن 2003-يىلى قايتىدىن ئەزا بولغان. 2017-يىل 10-ئايدا، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. 2023-يىلى، ئامېرىكا يەنە بۇ تەشكىلاتقا قايتىپ كەلگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ