مۇھىم خەۋەرلەر

بېنگالدا ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 27 ئادەم قازا قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى بالىلار

2025.07.23 14:57 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا، بېنگال ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر مەشىق ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ پايتەختى داككادا چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە بىر مەكتەپكە سوقۇلغان، 27 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 25 بالا بار، يەنە 88 ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپداۋالانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان شۇ كۈنى داككا كۇرمىتولا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ دائىملىق مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ